تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەجەللىك زەربە بەردى.
779223
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە 4 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
ئاۋاشىن - باسيان ۋە زاپ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 7 پاناھجاي، 4 قورال ئىستىھكامى، 11 غار ۋە 2 ئايروپىلان سوقار قورالى بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.