يىلدىرىم: ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خاتالىقتىن ۋاقتىدا يېنىشىنى كۈتمەكتىمىز

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئىسرائىلىيەنى مەسجىدى ئەقسا مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى.

775845
يىلدىرىم: ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خاتالىقتىن ۋاقتىدا يېنىشىنى كۈتمەكتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئىسرائىلىيەنى مەسجىدى ئەقسا مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ سەزگۈرلۈكلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ خاتا ھەرىكەتتىن ۋاقتىدا يېنىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

باياناتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق تارقاتقان باش مىنىستىر يىلدىرىم، «تېررور، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق خەۋپتۇر. تېررورلۇقنىڭ دىنى، تىلى، ئىرقى بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، سەۋەبنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر