40 كىشىلىك ئاپتوبۇستىن 150 قانۇنسىز كۆچمەن چىقتى

ئاغرىدا توختىتىپ تەكشۈرۈلگەن بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىكى ئافغانىستان پۇقراسى قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى.

775866
40 كىشىلىك ئاپتوبۇستىن 150 قانۇنسىز كۆچمەن چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلەشكىرت ناھىيەسىدە يول تەكشۈرۈۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى توختىتىپ، 40 كىشىلىك ئاپتوبۇستىكى كۆپ سانلىقى بالىلار ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان ئافغانىستان پۇقراسى 150 قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

قانۇنسىز كۆچمەنلەر، ساقچى ئىدارىسىنىڭ چەت ئەللىكلەر شۆبە باشقارمىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ئاپتوبۇسنىڭ شوپۇرى بىلەن ئاپتوبۇس مۇلازىمەتچىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر