جىددىي ھالەت تەكلىپى پارلامېنتقا سۇنۇلدى
بۈگۈن (17-ئىيۇل) جىددىي ھالەتنى يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىش قانۇن تەكلىپى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گە سۇنۇلدى.
772184
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي ھالەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەكلىپى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە سۇنۇلدى. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم جىددىي ھالەتنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەكلىپىنى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.