دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى بۈگۈن ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىدۇ

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا يىغىن چاقىرىپ، جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى بۈگۈن ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 19 – ئىيۇلدا ئاخىرلىشىدىغان جىددىي ھالەت تۈزۈمىنىڭ مۇددىتىنىڭ 4 – قېتىم ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىدا تەۋسىيە قارارى چىقىرىمىز» دېگەنىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا جىددىي ھالەت تۈزۈمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ يەنە بىرى، دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا داۋاملىشىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر