ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خىزمەت زىيارىتى بىلەن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئەلىيۋنىڭ ئىستانبۇل تارابيا رايونىدىكى خۇبەر سارىيىدا  ئۆتكۈزگەن يېپىق ئۇچرىشىشى 1 سائەت 45 مىنۇت داۋاملاشتى.

ئەردوغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيۋ بىلەن دېڭىز بوغۇزى مەنزىرىسىنى چىقىرىپ چۈشكەن فوتو – سۈرەتنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئورتاقلاشتى. ئەردوغان، فوتو – سۈرەتنىڭ ئاستىغا «قېرىندىشىم ھۆرمەتلىك ئەلىيېۋ بىلەن ئىستانبۇلدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. قېرىنداشلىقىمىز كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىدۇ» دەپ يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر