تۇنجەلىدىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى... بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تۇنجەلىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجەلىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 2 ئەسكەر يارىلاندى.
خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، نازىمىييە ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن رايوندىكى تېررورچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن؛ توقۇنۇشتا 1 ئەسكەر شېھىت بولغان، 2 ئەسكەر يارىلانغان.
رايوندىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن، ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلدى.
چۇقۇرجا ناھىيەسىنىڭ گۈۋەن تېغى رايونىدا بىر تۈركۈم تېررورچىلارنىڭ ئورنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق بېكىتىلىپ، ف16 ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق زەربە بېرىلدى.