سولىنگېن قەتلىئامىنىڭ 24 – يىللىقى

تۈركىيە خەلقى بۇنىڭدىن 24 يىل ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ سولىنگېن شەھىرىدە يۈز بەرگەن قەتلىئامنى داۋاملىق خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

741623
سولىنگېن قەتلىئامىنىڭ 24 – يىللىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 1993 – يىلى 29 – ماي كۈنى چەت ئەللىك دۈشمەن / بىر ئىرقچى گېرمان گۇرۇپپىسىنىڭ گېرمانىيەنىڭ سولىنگېن شەھىرىدە 5 تۈركىيە پۇقراسىنى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوي قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قەتل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى، ھۇجۇم يۈز بەرگىنىگە 24 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ قەتلىئامنى داۋاملىق خاتىرىلەپ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

شۇ قېتىمقى قەتلىئامدا يۈز بەرگەنلەرگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەنگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ غەربىي ياۋروپادا ئىرقچىلىق، چەت ئەل ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىغا تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا شاھىت بولۇۋاتىمىز. سولىنگېن قەتلىئامىغا ئوخشىغان ئېچىنىشلىق ھادىسىلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ دائىرىدە بۇنداق قىلمىشلار پات - پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان دۆلەتلەردىكى سىياسىيونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جامائەت ئەربابلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنى ئىختىلاپ پەيدا قىلىدىغان باياناتلارنى بېرىش ۋە پوزىتسىيە تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، بىر گەۋدىلەشتۈرىدىغان باياناتلارنى بېرىشكە ۋە شۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر