ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشى ۋە رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشى ۋە رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى» ناملىق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشى ۋە رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى

ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشى ۋە رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سوچىدا كۆرۈشتى. بۇ مەسىلە بىلەن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشى ۋە رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى» ناملىق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

نۆۋەتتە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن تۈركىيە، كاۋكازىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە قارا دېڭىز ھاۋزىسىدىكى ئىككى پائال كۈچ ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا كۆپلىگەن ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەر بويىچە گېئوپولىتىكىلىق رىقابەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قارىماي، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ساھەسى كۈنسېرى كېڭەيمەكتە. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە، سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆپ جەھەتتە ئورتاق خىزمەت قىلىش  ساھەسى ياراتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىن قالغان مەسىلىلەر ۋە تەبىئىي گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتلەر تۈپەيلى ئىككى دۆلەتنىڭ رايون ۋە خەلقئاراغا ئالاقىدار سىياسەتلىرى بىر  - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.

رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورتىدا تۈركىيە ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە ئۈچۈن بولسا، رۇسىيە ناھايىتى چوڭ ئېكسپورت بازىرى. 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە جانلىنىش كۆرۈلدى. سودا، ساياھەت ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق مۇناسىۋەتلەر بار. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇشى، ئوتتۇرا شەرق، قارا دېڭىز ۋە جەنۇبىي كاۋكازىيە رايونلىرىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نازۇك نۇقتىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىمۇ مەزكۇر نازۇك نۇقتىلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە سودا، ساياھەت ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورناتتى. ئۆزئارا سودا يىلسېرى ئاشماقتا. تۈركىيە ھەر يىلى تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن مىليونلارچە رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەردىن كۆپلەپ پايدا يارىتىدۇ. ئېنېرگىيە ساھەسىدە بولسا، تۈركىيە رۇسىيەدىن كۆپ مىقداردا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت سېتىۋالىدۇ. بۇ رۇسىيە ئۈچۈن مۇھىم بىر كىرىم مەنبەسى. يەنە كېلىپ رۇسىيە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى لايىھەسىنى قوللىماقتا. تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىدىمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇھىم ھەمكارلىقلار بار. يېقىنقى يىللاردا رۇس – تۈرك ئۆيلىنىش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا رۇسىيەدە كۆرۈلۈش رېكورتى ياراتقان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە فىلىملىرى رۇس خەلقىدە ئىجابىي تۈركىيە تونۇشى پەيدا قىلماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان يېقىندا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سوچىدا كۆرۈشتى. سوچى ئۇچرىشىشى تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە 2016 – يىلى 27 – ئىيۇندا باشلىغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىش مۇساپىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بولدى. رۇسىيە تاراتقۇلىرى يىغىنغا «ئورتاق ھەمكارلىققا قايتىش» دەپ باھا بەدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بولسا، نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى «بىر خىل ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك» دەپ تەرىپلىدى. ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشى بىلەن ساياھەت، يېزا – ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق، يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەل بولدى. شوخلا ئىمپورتى ۋە بەزى ۋىزا چەكلىمىلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەل قىلىنالمىدى. سوچى ئۇچرىشىشى بىلەن ئاستانا سۆھبەتلىرىدىمۇ يېڭى بىر دەۋر باشلىدى. رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ بىرلىكتە ئۈستەل ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ، سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە ئىزدىشى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

سوچىدىكى ئەردوغان – پۇتىن يىغىنى نەتىجىسىدە تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. ھەر ئىككى رەھبەر يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتلىرى ئارقىلىق ناھايىتى ئىجابىي سىگناللارنى بەردى. بۇ ئارقىلىق تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىش باسقۇچىدىن ئورتاق مۇناسىۋەتلەر باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەلۋەتتە بۇ نۇقتىغا كېلىش ئاسانغا توختىمىدى؛ قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى كۆپ قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتتى. بىزنىڭ تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ھەر خىل ساھەلەر بويىچە سىياسىي قاراش ۋە مەنپەئەت ئوخشىماسلىقلىرى بار. بىراق، بۇ ئوخشىماسلىقلارغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش، ئۇزۇن مەزگىلدە ھەم تۈركىيە ھەم رۇسىيەگە پايدىلىق بولىدۇ. چۈنكى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە 2000- يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، توقۇنۇش ساھەلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا بىر – بىرىدىن ئايرىپ چىقالىدى. شۇڭا، نۆۋەتتە كۆپلىگەن جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. سۈرىيە كىرىزىسى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ئۈنۈمگە ئېرىشسە، بۇ، رايوندا بىر يېڭىدىن تۇغۇلۇش بولۇپ قالىدۇ؛ ھەتتا بۇ، رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ باشلامچىلىقىدا ھەل قىلىنىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

سۈرىيە كىرىزىسىدا تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرى بار. پائال دىپلوماتىك مېخانىزمى ئورنىتىلالىسا، مەنپىي كۆرۈنۈۋاتقان بۇ ئەھۋالدىن مۇسبەت نەتىجىلەر چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ ئېغىر خەۋپ، رۇسىيەنىڭ PKK نىڭ سۈرىيە قانىتى پ ي د / ي پ گ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدۇر. رۇسىيە بىر تەرەپتىن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن فىراتنىڭ غەربىدە PKK/ پ ي د / ي پ گ كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تاشلىغۇسى قەدەملىرىگە قارشى ئافرىننى ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشماقتا. بۇنداق قىلىش، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتلەرگە ياراشمايدۇ. مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن، رۇسىيە بۇ پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر