ئەردوغان 25 – مايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرىشىدۇ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل 29 – ئاپرىلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەردوغان 25 – مايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرىشىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 25 – مايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن جانكېر بىلەن كۆرىشىدۇ.

ياۋروپا ئىتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى مارگارىتىس سىچىناس كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى باياناتىدا، ئەردوغان، تۇسك ۋە جانكېر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ 25 – مايدا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

سىچىناس ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلىدىغان جاي ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 25 – مايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ يېڭى بازىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىىشدۇ.

ئەردوغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنى دائىرىسىدە بەزى مۇھىم رەھبەرلەر بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تۈنجى بولۇپ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل 29 – ئاپرىلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدا ئېلان قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر