سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان فەتھۇللاھچىلار قولغا ئېلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا مەنسۇپ 4 تېررورچى قولغا ئېلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان فەتھۇللاھچىلار قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج – ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىم قىلغان پۇللارنى تەشكىلاتقا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئېنىقلانغانىدى. مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرى سايىسىدا كىملىك مەلۇماتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن گۇماندارلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش باشقارمىسىنىڭ كونتروللۇقىدا تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن گۇماندارلار ئۈستىدىن، تۈركىيەدىمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر