ياۋروپا ئەردوغانغا قارشى شەرمەندىلەرچە چاقىرىقلاردا بولۇشقا باشلىدى

ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىش ھەم قوللاش ئارقىلىقمۇ تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئالغا ئىلگىرىشىگە توسالغۇ  بولالمىغان ياۋروپا، شەرمەندىلەرچە چاقىرىقلاردا بولۇشقا باشلىدى.

720226
ياۋروپا ئەردوغانغا قارشى شەرمەندىلەرچە چاقىرىقلاردا بولۇشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەلىك سىياسەتشۇناس فىلىپ مورېيو دېفارگېس جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى يېڭىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ سۇيىقەست ئىشلىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇنداق شەرمەندىلەرچە چاقىرىقى ياۋروپادىكى ئەردوغانغا بولغان دۈشمەنلىكنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

دېفارگېس تۈركىيە خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ئالدىدا كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولدى. ئەردوغاننىڭ ئادۋۇكاتى ھۈسەيىن ئايدىن ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىگە دېفارگېس ئۈستىدىن ئەرز سۇندى ھەمدە ئەردوغان دۈشمەنلىكى مەسىلىسىنىڭ پەقەت قانۇنشۇناسلارلا ئەمەس، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەگەر دېفارگېسقا روھىي جەھەتتىن ساغلام دەپ دىياگنۇز قويۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئەردوغانغا سۇيىقەست ئىشلىتىش توغرۇلۇق كىملەرگە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر