قايغۇلۇق خەۋەر: شەرقتە 4 ئەسكەر شېھىت بولدى

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 4 ئەسكەر شېھىت بولدى.

720180
قايغۇلۇق خەۋەر: شەرقتە 4 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: PKK تېررورچىلىرى، شىرناقنىڭ ئۇلۇدەرە ناھىيەسىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكەرلەر ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پەيتتە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بومبىسىنى پارتلاتتى. پارتلاشتا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.

قارستا بولسا، تېررورچىلار تەرىپىدىن يولغا كۆمۈلگەن مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يەنە ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەر ئىككى رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.

ھاككارى ۋە شىرناقتا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەرىكەتلەردە 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر