شىرناقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

شىرناقتا تېرررورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا تېررورچىلارنىڭ ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشى تۈپەيلى 2 ئەسكەر يارىدار بولدى.

718291
شىرناقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقنىڭ ئۇلۇدەرە ناھىيەسىدىكى بەستلەر – دەرەلەر رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا يارىدار بولغان 2 ئەسكەردىن بىرسى شېھىت بولدى.

ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلۇدەرە ناھىيەسىدىكى بەستلەر – دەرەلەر رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىغا قارشى 23 – ژاندارما چېگرا مۇداپىئە قوماندانلىقىغا قاراشلىق ئەترەتلەر بىلەن يېزا قوغدىغۇچىلىرى ئەترىتى بىرلىكتە زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان.

ھەرىكەت  جەريانىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكەرلەرگە تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى تۈپەيلى 2 ئەسكەر يارىدار بولغان.

يارىدار بولغان ئەسكەرلەر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن شىرناق دۆلەت دوختۇرخانىسىدا جىددىي بالېنتسقا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق يارىدار بولغان ئەسكەرلەردىن بىرسى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا شېھىت بولغان. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر