«ترامپ بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئۈمىدى تېخىمۇ كۈچەيدى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ھەر قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن ياخشى ئىشلارنى قىلىش  ئۈمىدىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتتى.

«ترامپ بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئۈمىدى تېخىمۇ كۈچەيدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «‹ A News › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ترامپ بىلەن 16 – 17 – ماي كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ھازىرقى ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنى ئالدىنقى ئوباما ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ سەمىمىي دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «پېنسىلۋانىيەدىن 170 دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتىمەن دەپ بايانات ئېلان قىلىۋاتقان بۇ ئادەمدىن ئامېرىكا چوقۇم ھېساب ئالىدۇ» دېدى.

تۈركىيەدە 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇم ئارقىلىق ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، يېڭى قانۇننىڭ 2019 – يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

غەربنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تېزلىك بىلەن ناتسىزم ۋە فاشىزم تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەھىللىرى ئەسناسىدا بۇ ھەيئەتنىڭ بىر قىسىم فوتو سۈرەتلىرىنى كۆرسەتكەن ئەردوغان، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىشەنچنى يوقاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش  قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، ئۇدا 20 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كۈرەش ئەسناسىدا تەخمىنەن 11 مىڭغا يېقىن تېررورىستنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كەينىگە چېكىنىپ كەتكەن مۇناسىۋەتلەر توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدى بىلەن ھەم ئىككى يۈزلىمىچىلىك ھەم يالغانچىلىقتىن ۋاز كېچىپ، سەمىمىي بولۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى، زۆرۈر تېپىلغاندا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇدا 54 يىلدىن بۇيان بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياشىدۇقمۇ؟ ياق. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۇدىيىتىمىز داۋاملىشىۋاتامدۇ؟ ياق. ئەكسىچە، تۈركىيە يېقىنقى 14 – 15 يىلدىن بۇيان مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىپ، 3 ھەسسە ئارتۇق تەرەققىي قىلدى، قۇدرەت تاپتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق قولغا كەلتۈردۇقمۇ؟ ياق. تۈركىيە نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىمكانىيىتى ۋە كۈچىگە ئىگە قۇدرەتلىك دۆلەتتۇر.»

ئەردوغان، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى سەمىمىي ۋە دۇرۇس بولۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر تېررورىستلاردىن دوكلاتچى تاللاۋاتىسىلەر، ئۇلارغا تۈركىيەدىكى رېفېراندۇم ھەققىدە دوكلات تەييارلاتقۇزۇۋاتىسىلەر. بىزنىڭ بۇنداق تەتۈرلۈكنى قوبۇل قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. سىلەر ھازىرغىچە تەييارلاتقۇزغان دوكلاتلارنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم ئىدىئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغان. سىلەر ئەنە شۇنداق دوكلاتلىرىڭلار ئارقىلىق تۈركىيەنى قەپەسكە سولاپ قويماقچى بولدۇڭلار. ئەمما شۇنى بىلىڭلاركى، بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر