شىرناقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
شىرناقنىڭ ئۇلۇدەرە ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 2 ئەسكەر يارىلاندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك لىق تېررورىستلارنىڭ ئانداچ قوراللىق قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ توپكى ئېگىزلىكىدىكى ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 2 ئەسكەر يارىلاندى. يارىلانغان ئەسكەرلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئارقىلىق شىرناق دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايوندا تېررورىستلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.