«ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويدۇق»

20 – گ گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ بون شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ۋە رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

«ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىلىرسىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، كۆرۈشۈشتە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى بولغان ي پ گ گە بېرىلگەن ياردەمنىڭ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە  تەھدىت شكىللەندۈرگەنلىكىنى، بۇ ياردەمنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ، سۈرىيە ئۈچۈنمۇ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇچرىشىشتا تىلىرسىنغا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقانلىقى ۋە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلمەيۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە تۈركىيە خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىغا بولغان غەزەپ – نەپرەتنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، كۆرۈشۈشتە يەنە، سۈرىيە، ئىراق، دائېشقا قارشى كۈرەش، رايونلۇق ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۆھبىتىىمىز ناھايتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، جۈملىدىن بۇ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ناھايتى ياخشى باشلانغۇچ بولدى.»

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كېيىنچە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر