ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد بۈگۈن ئەتىگەن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفۇرد ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا كۆرۈشىدۇ.

ئىككى دۆلەت باش ئىشتاب باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشتىن كېيىن قىسقىچىلا بايانات ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق تۈنۈگۈن بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ناتوغا ئەزا ئەللەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا بايانات بېرىپ، دۇنفۇردنىڭ تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە تۈركىيە  بىلەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ راققە ھەربىي ھەرىكىتىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش – بارماسلىق توغرىسىدا ئەتراپلىق سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

بۇنىڭغا تېخنىكىلىق خىزمەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قارار قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىشىق، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ توغرىسىدىكى ئېتىرازىمىزنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمدەم بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.

ئەلبابتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا توختالغان مىنىستىر فىكرى ئىشىق، «بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى مۇھىم نىشانىمىز بار؛ بىرى مۇنبىچ، يەنە بىر راققە» دېگەنىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA باشلىقى مايك پومپېئو تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىنى ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەگە قاراتقان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا، پ ي د / ي پ گ ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر