يىلدىرىم: تۈرك تەرەپ ھەر دائىم بىر قەدەم ئالدىدا ماڭدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، قىبرىس مۇزاكىرىلىرىدە تۈرك تەرىپىنىڭ بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يىلدىرىم: تۈرك تەرەپ ھەر دائىم بىر قەدەم ئالدىدا ماڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر يىلدىرىم مالتادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا مالتا باش مىنىستىرى جوسېف مۇسكات بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىلدىرىم يىغىندا سۆز قىلىپ، «ھەر دائىم شىمالىي قىبرىس تۈرك تەرىپى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بىر قەدەم ئالدىدا ماڭماقتا. ئۇ، ھەرگىزمۇ چارىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىشىنىمەنكى، بۇ يەردە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان چارە، ئارالدا خەۋپسىزلىكنى، تۈركىيەنىڭ پائال كاپالىتىنى ئىزچىل ھالدا كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئادىل، باراۋەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يىلدىرىم يەنە، «مالتانىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇلۇشى، يېڭى سۆھبەت ساھەلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە يېڭىلىنىشى قارار قىلىنغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى تاموژنا بىرلىكى كېلىشىمى خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر