ئەردوغان سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

561780
ئەردوغان سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ ئولتۇرماستىن پۇقرالارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قەدەملەرنى ھەم دۆلەت ئىچى ھەم تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۇۋا سالغان قوشنا ئەللەردە تاشلاش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان، 30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تېلېگراممىسىدا جەرابلۇستىكى ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە توختىلىپ، «ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز دائېش، PKK ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى قولى YPG دېگەندەك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پۇقرالىرىمىز ئۈچۈن خەۋپ بولۇشتىن چىقىرىپ تاشلانغۇچە داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، تۈركىيەنى مۇبارەك يۈرۈشىدىن توسۇپ قالماقچى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خائىن ھۇجۇملىرىغا پەرۋا قىلماستىن خىيانەت شايكىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى. ئۇ، «30 – ئاۋغۇست زەپىرى، بولۇپمۇ نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكىگە، جانلىقلىقىغا، بۇ زېمىنلاردىكى مەۋجۇدىيىتىگە زىيان يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە يامانلىق قىلىش مەركەزلىرىگە ئىبرەت بولۇشى كېرەك. خەلقىمىزنىڭ 15 – ئىيۇل قانلىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى، بۇ زېمىنلاردىكى ‹كۈچلۈك زەربە بېرىش› رۇھىنىڭ قانچىلىك جانلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر