چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى مېدىيا ئەخلاقىغا ئۇيغۇنمۇ؟

بەزى چەت ئەل مېدىيا ئورگانلىرى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى 15 – ئىيۇلدا سادىر قىلغان خائىنلارچە ھەرىكەتكە ھەيران قالارلىق پوزىتسىيەدە بولدى.

539771
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى مېدىيا ئەخلاقىغا ئۇيغۇنمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بەزى چەت ئەل مېدىيا ئورگانلىرى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى 15 – ئىيۇلدا سادىر قىلغان خائىنلارچە ھەرىكەتكە ھەيران قالارلىق پوزىتسىيەدە بولدى.

ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەرنى بەرگەندە، «ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى» دېگەن سۆزنى پەس ئاۋازدا ئىشلەتكەن بۇ ئورگانلار، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ، ساقچى تەشكىلاتىنىڭ، باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىنى، كىشىلەرنىڭ تانكىلار تەرىپىدىن ئىزىپ تاشلانغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەھۋالنى «دىكتاتورلىشىش ئۈچۈن سۇيىئىستىمال قىلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ئورگانلارنىڭ خەۋەرچىلىك ئەخلاقى ھەققىدىكى قايغۇلىرىمىز مانا بۇ نۇقتىدا باشلىدى.

خەلق كوچىغا چىقىپ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنى مەغلۇپ قىلدى...

ئەسكەر قىياپەتلىك تېرروچىلارنىڭ رەھىمسىز كۆرۈنۈشلىرى، بۇ دۆلەت خەلقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىدەكلا ئەكس ئەتتۈرۈلدى. تانكىلارنىڭ ئاستىدا ئىزىلگەن ياپياش بەدەنلەر بىر – بىرىنى قىرىۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسىتىلدى. گويا ‹ئەسكەر› دەك قىلىپ كۆرسىتىلىشكە كۈچ سەرپ قىلىنغان فورمىلىق تېررورچىلار، خەلقنىڭ ئۈستىگە بومبا ئەمەس، ھاۋادىن دېموكراتىيە ئېتىۋاتقاندەكلا...

خەلق ۋە دۆلەت قولمۇقول ھالدا خائىنلارنى توختاتتى...

خەلق قولغا كىرگۈزگەن ھەر يەردە تېررورچىلارنىڭ چاشقان مىسالى قېچىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، دۆلەت بۇ خائىنلارنى بىرمۇبىر قولغا چۈشۈرۈپ، قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردى...

بىر كېچىنى تانكا، زەمبىرەك، بومبا ئاۋازلىرى ئىچىدە تاڭغا ئۇلىغان، جامەلەردىن ياڭرىغان ئەزان ئاۋازلىرى بىلەن كېچىنى يورۇتقان، ‹يا ھەممە بىرلىكتە تىرىلىمىز يا ھەممە بىرلىكتە ئۆلىمىز› دېگەن تۈرك مىللىتىگە كۈچىڭلارنى يېتىدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟

خاتا ئويلاپسىلەر...

بىز بۇ ئىشتىن كۈچلەنگەن ھالدا چىقىمىز. دوستىمىزنى، دۈشمىنىمىزنى ئەمدى تېخىمۇ ياخشى تونۇيمىز ۋە بىر – بىرىمىز بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز.

لېكىن، ئۆزىنى مېدىيا، قىلغان ئىشىنى خەۋەر، دەپ ئويلاپ قالغان سىلەردەكلەر... تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى مەڭگۈلۈك يۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتلەردە دەل ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارغا ئوخشاشلا ھاڭدىن چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا ئاران ئاڭلاتقان قۇتراتقۇلۇڭلار بىلەن خاتىرىلىنىسىلەر....



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر