ئابدۇللاھ گۈل ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ

72830
ئابدۇللاھ گۈل ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلى مەھمەت ئەمرە گۈلنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن 28 ماي چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ.
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئابدۇللاھ گۈل، ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارغا كونفېرانس بېرىدىكەن.
زىيارىتى دائىرىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئابدۇللاھ گۈل، بوستون ۋە ئەتراپىدىكى تۈرك ئاكادېمىكلار بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.
ئابدۇللاھ گۈل، 31 - ماي كۈنى زىيارىتىنى تاماملاپ تۈركىيەگە قايتىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر