دائېشتىن كېيىنكى لىۋىيە | ئانالىز

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «دائېشتىن كېيىنكى لىۋىيە» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.

638730
دائېشتىن كېيىنكى لىۋىيە | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 6 يىل ئەتراپىدا داۋاملاشقان كەسكىن كۈرەشتىن كېيىن، لىۋىيەنىڭ دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى سىرتە شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ئازاد قىلىندى. شەھەر 2015 – يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىدا ئىدى. دۆلەتتىكى نوپۇز بوشلۇقىدىن پايدىلانغان تەشكىلات سىرتەدە ئۆزىگە مۇۋاپىق شارائىتقا ئىگە بولغانىدى. شۈبھىسىزكى، سىرتەنىڭ ئازاد قىلىنىشى لىۋىيەدىكى دائېش مەۋجۇدىيىتىنى ۋە خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. لېكىن، لىۋىيە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پاجىئەدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن ئىشلارغا ئېھتىياج بار. ھەر خىل سىياسىي، خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، جىددىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى زۆرۈر بولماقتا.

سىرتە دائېشنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا كونترول قىلىۋاتقان جايلىرىنىڭ سىرتىدا كونترول قىلىۋاتقان بىردىنبىر جايى بولۇش نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپاغا يېقىن بولۇشى جەھەتتىنمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىۋاتاتتى. دائېش سىرتە بىلەن بىرلىكتە ئاق دېڭىز قىرغىقىدىكى 150 كىلومېتىرلىق مۇساپىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتماقتا ئىدى. ب د ت  نىڭ قوللىشى ئاستىدىكى مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن مىسراتەلىك قوراللىق كۈچلەر پەۋقۇلئاددە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دائېشنى سىرتەدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى.

لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ باشتىن تارتىپلا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى مەغلۇپ قىلىپ، سىرتەنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىشتىن ئىبارەت بىرلا تاللىشى بار ئىدى. ئەكسىچە بولغاندا، ئۈچ ئايرىم ھۆكۈمەت مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتتە تەڭداش كۈچكە ئايلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ، لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىنى ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەرگە نىسبەتەن جەلپكار مەركەزگە ئايلىنىشى ئۈچۈنمۇ سىرتەدە غەلىبە قازىنىشىنى شەرت قىلاتتى.

مانا بۇ بىردىنبىر تاللاش ھالىتى، لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى فەيز سىراجنى ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا زورلىدى. 1- ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى دائېش نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، دائېشقا قارشى ھەقىقىي كۈرەشنى لىۋىيەلىكلەر قىلدى. مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتى كۈچلىرى ئۇرۇشتا 730 ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالدى، 3 مىڭ ئەتراپىدا ئادىمى يارىلاندى.

ئۇنداقتا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردىمى نەتىجىسىدە دائېش ئۈستىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىنى قانائەتلەندۈرۈپ، لىۋىيەنىڭ پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىنى ئېچىشى مۇمكىنمۇ؟

ئەپسۇسكى، بۇ ئىش ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمايدۇ. لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى تىكلىيەلىشى ئۈچۈن ھەل قىلىشى كېرەك بولغا ئۈچ ئاساسىي مەسىلە بار.

 

بۇلارنىڭ بىرىنچىسى: دائېشنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ يېڭىدىن خەۋپ پەيدا قىلىش قابىلىيىتى

شۈبھىسىزكى، دائېش ئىستراتېگىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سىرتە جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن كۆڭۈلدىكىدەك بىر شەھەر ئىدى. ئەمما، شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، تەشكىلاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى ئۇنىڭ پۈتكۈل لىۋىيەدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. دائېشنىڭ سىرتەدىن چىقىپ لىۋىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن قوراللىق كۈچلىرى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلارنىڭ شەرت – شارائىتىغا قاراپ، قايتىدىن تەشكىللىنىشى مۇمكىن. تەبىئەت قانۇنلىرى كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان چۆللۈك تەشكىلاتنىڭ يېڭى قوراللىق كۈچلەرنى توپلىشىغا مۇۋاپىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئاساسەن دېگۈدەك كونترولسىز قالغان چېگرالار ۋە بىر قانچە قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان تارقاق نوپۇسلۇق رايون، ۋاقىتلىق چېكىنىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە. دائېش ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايغا ئاسانلا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغان بىر قۇرۇلما. يەنە كېلىپ ئۇ ھەر دائىم قايتىدىن ئاكتىپ ھالەتكە كېلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپ كەلدى. بۇ ئورۇندىن بوكو ھارام ۋە ئەلقائىدەنىڭ رايوندىكى تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا، دائېش خەۋپى ۋە تەھدىتى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى دېگىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچى ئاساسلىق مەسىلە: سىرتەنىڭ ئازاد قىلىنىشنىڭ لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتى بىلەن رەقىب قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدىكى سۈركىلىش ۋە توقۇنۇش ھالىتىنى ئۇلغايتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بولۇشى.

بولۇپمۇ توبرۇكتىكى ۋەكىللەر مەجلىسىنى تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋالغان گېنېرال خەلىفە ھەفتەرنىڭ قوماندانلىقىدىكى لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى ئۈچۈن بۇ ئەھۋال كۈچگە ئىگە. ئىسمى ئارمىيە، قوماندانى بىر گېنېرال بولسىمۇ، يەنىلا لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى بىر خەلق قوراللىق كۈچلىرى بىرلەشمىسىدۇر. سىرتەنىڭ ئازاد قىلىنىشىنىڭ لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي ئىناۋىتى نۇقتىسىدىن سىمۋوللۇق قىممىتى بار. بىراق، بۇ سىمۋوللۇق قىممەتنىڭ بىر غەلىبىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەفتەرنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز. موسكۋادا زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى ۋە غەربنىڭ لىۋىيەدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى «تىرابلۇسنىڭ ئازاد قىلىنىشى» ئۈچۈن ھەرىكەت ئۆتۈشكە چاقىرىشى مەزكۇر تىرىشچانلىقلارنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى مەسىلە: ئىشلەپچىقىرىش مەنبەلىرى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا نېفىتنى نوپۇزى ئاستىغا ئېلىش رىقابىتىنىڭ چوڭقۇرلاپ كېتىشى.

نېفىت مەنبەلىرىنى نوپۇزى ئاستىغا كىرگۈزۈش، لىۋىيەدە قانۇنىيلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، نېفىت مەنبەلىرىنى كونتروللۇقىغا ئالغان قاتلام، ئوخشاش ۋاقىتتا مىللىي كىرىمنى كونترول قىلىدىغان ۋە نوپۇسنىڭ ئومۇمىي باياشاتلىق ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قاتلامغا ئايلانغان بولىدۇ.

 

لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتى سىرتەدە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقاندا، ئۆزىنى لىۋىيەنىڭ ئۈمىدى سۈپىتىدە پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتۇشقا تىرىشقان ھەفتەرنىڭ نېفىت ھىلالى رايونىنى كونتروللۇقى ئاستىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇشى، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. بۇ، سىرتە ئازاد قىلىنغان تەقدىردە، لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتى قولغا كەلتۈرىدىغان «ئىناۋەت» نى تۆكۈش ھەرىكىتىدۇر. ھەفتەر  ۋە لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى بۇ رايوننى قولغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىق مەركىزىنى قوغداش قابىلىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىشنى كۆزلىدى. يەنە كېلىپ، نېفىت ئېكسپورتىنىڭ قايتىدىن باشلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلدى.

سىرتەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ قېتىمقى ئۇتۇق، لىۋىيەلىكلەرگە تېررورىزمنى پەقەت ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىرلىك ئورناتقاندىلا يېڭەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. چۈشىنىلىشى كېرەك بولغان يەنە بىر رېئاللىق بولسا، ئۆزئارا بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىشنىڭ دائېشنىڭ لىۋىيەدە باش كۆتۈرۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكىدۇر. لىۋىيەلىك ھەر خىل سىياسىي ۋە خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى كۈچ ۋە بايلىق قوغلىشىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان توقۇنۇشلىرى بالدۇرراق ئاخىرلىشىشى كېرەك. ئەمما، ساقلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان يەنە بىر مەسىلە، لىۋىيەلىكلەر ئارىسىدىكى بۇ بۆلۈنۈش ۋە توقۇنۇشنى ئولغايتىۋاتقان رايون ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئويناۋاتقان رولىدۇر. بۇ كۈچلەرنىڭ لىۋىيەدە ئويناۋاتقان رولى ئومۇمەن ئىجابىي نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ھالبۇكى، لىۋىيەنىڭ مەۋجۇت پاجىئەلىك ۋەزىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىش ئىمكانىيەتلىرىمۇ يوق.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەلقئارا ۋە رايونلۇق كۈچلەرنىڭ لىۋىيە سىياسەتلىرىنى ياراشتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر لىۋىيە بىر پۈتۈن ھالىتىدە قالىدىغان بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق غەرب ئەللىرى سىياسەتلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، پەرقلىق مەھەللىي كۈچلەرنى كوزىر قىلىپ ئويناشتىن ۋاز كېچىشى لازىم. بىر تەرەپتىن لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغاندەك كۆرۈنۈپ قويۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەفتەرگە ھېسداشلىق قىلىشى چارىسىزلىكنىڭ داۋاملىشىشىنى تەقەززا قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر