ترامپنىڭ غەلىبىسى مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ | ئانالىز

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ترامپنىڭ غەلىبىسى مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.

615194
ترامپنىڭ غەلىبىسى مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 8- نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ غەلىبە قىلدى. سەھىپىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىلىك سانىدا، ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە يۈرگۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئۈستىدە توختالغانىدۇق. بۇ ھەپتە، ترامپ دەۋرىنىڭ مىسىر ۋە پەلەستىنگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ئۆتكەن ھەپتە ترامپنىڭ تېررورنى ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ھالىتى بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويىدىغان بىر خىل تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق. ئەپسۇسكى، بۇ ئىسلاموفوبىك دېيىشكە بولىدىغان بىر قاراش. بۇ قاراش ئامانلىقچى تونۇشنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغىنىدا، ئىسلامىي زېمىندا يېتىلگەن ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ چەتكە قېقىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ شەيتانلاشتۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مىسىرنى مەركەز قىلىدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرىكىتىگە ئوخشاش تەشكىلاتلارمۇ تېررورىستلار كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلمەكتە. مانا بۇ جەھەتتە، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى بىلەن ئورتاق نۇقتىدا ئۇچراشماقتا.

ترامپنىڭ تېررور مەسىلىسىگە بۇ شەكىلدە قارىشى، سىسىغا ئوخشاش رەھبەرلەرگە ئىلتىپات قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ترامپ، تېررورنىڭ قارشى -  زوراۋانلىق، قارشى – زوراۋانلىقنىڭ بولسا، كۈچلۈك رەھبەرنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى پىكرىنى تايانچ قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇڭا، سېنتەبىر ئېيىدا نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ترامپ سىسىنى «قىزىقارلىق ئادەم» دەپ تەرىپلىگەنىدى. ترامپ پۇرسەت تاپسىلا «مىسىرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى» نى قوللايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىسىرنىڭ ھەر دائىم ئىشەنچلىك ۋە سادىق دوستى ۋە ئىتتىپاقدىشى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلدى.

ب د ت  ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى جەريانىدا مىسىرلىق پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ترامپنىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى ۋەلىد فارىسمۇ ترامپنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى. بۇ نۇقتىدا، ترامپقا بىرىنچى بولۇپ تېلېفون ئېلىپ تەبرىكلىگەن لىدىرنىڭ سىسى بولۇشى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. ئوباما دائىرىلىرى، 2013 – يىلىدىكى مۇداخىلە نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن سىسى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشتا پەقەتلا كېچىكىپ قالمىغانىدى. لېكىن، ۋاشىنگتون  ئاندا – ساندا قاھىرەنى ئەيىبلەش ئېھتىياجى ھېس قىلدى. ھەتتا، مىسىر سېتىۋالغان قوراللارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈپ قويغان ۋە ھەربىي كىرېدىتلارنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويغان ئەھۋاللارمۇ بولدى. سىسى ۋە تەرەپدارلىرى بۇ ئىشقا ئوباما دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەرەپدارى پوزىتسىيە، دەپ باھا بېرىش يولىنى تاللىدى.

سىسى دەمەشىقتىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سوغۇشىغا ئەگىشىپ، تاشقى سىياسەتتە رۇسىيەگە يېقىنلاشتى. يەنە كېلىپ، مىسىر تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت  كومىتېتلىرىدىن بىرىگە سايلىنىشى ئۈچۈن بېلەت تاشلىغانمۇ بولدى. سىسى، ترامپ دەۋرىدە ئىجرا قىلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ مىسىرنىڭ رايون سىياسىتى بىلەن ماس بولىدىغانلىقى پىكىرىگە ئىگە.

ترامپ دەۋرىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر شەكىلدە ئۇچرايدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ترامپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەتتا ئىسرائىلىيەگە قىلىنىۋاتقان مىليونلارچە دوللارلىق ھەربىي ياردەملەرنىڭ لوگىكىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ترامپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، قۇددۇسنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى بولۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن، سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، يەنى ھىلارى كىلىنتوننىڭ بۇ جەھەتتىكى تەنقىدلىرىدىن كېيىن ترامپ، پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا كۈچلۈك دەرىجىدە پىكىرىنى ئۆزگەرتتى. تەييارلىق سايلاملىرى ئەسناسىدا، دېموكرات بېرنىې ساندېرستىن باشقا ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ نامزاتلىرى ئەڭ ئىسرائىلىيە تەرەپدارى سىياسەتچى بولۇش رىقابىتىگە كىردى. بۇ جەرياندا ترامپ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا توختىتىلىشتىن توختاپ، ئىسرائىلىيە تەرەپدارى بولۇشنى ئامېرىكاچى بولۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەگە ھېچبىر ۋاقىت بىر ئىشغالچى كۈچ، دەپ قارىمىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەنلا قالماي، غەربىي قىرغاقتىكى مەھەللە قۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئەت بىلەن ئاشۇرۇلۇشىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەتتا، قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەلچىخانىسىنى ئۇ يەرگە يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ ترامپنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئوتتۇرا شەرقتە ھەممىدىن بەك سىسى بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنى مەمنۇن قىلدى. ترامپنى تەبرىكلىگەن نېتانياھۇ، ئۇنىڭغا سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئەسناسىدا قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەسلىتىپ قويدى. پەلەستىن زېمىنلىرىغا كۆچمەن ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان مائارىپ مىنىستىرى نافتالى بېننېتمۇ سايلام نەتىجىسىگە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ۋە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. غەربىي قىرغاقتىكى يەھۇدىي رايونلۇق كېڭىشىنىڭ باشلىقى يوسسى داگانمۇ، سايلام نەتىجىسىگە كۆچمەن ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ توسقۇنسىز ھالدا داۋاملىشىشىغا يېقىلغان يېشىل چىراغ ، دەپ باھا بەردى.

ئۇنداقتا، ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى جەريانىدا پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىنمۇ؟ ترامپنىڭ ئەتراپىدىكىلەر پىرېزىدېنت ياردەمچىسى مايك پېنسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسرائىلىيەسۆيەر كەسكىن كونسېرۋاتىپ سىياسەتچى ۋە مەسىلىھەتچىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ دائىرىدە ئۇ ۋەدىلىرىدىن ئۇنچىۋالا كۈچلۈك شەكىلدە يېنىۋالمايدۇ. پەقەت، قۇددۇسنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ باششەھىرى بولۇشى مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قېلىش يولىنى تاللىشى مۇمكىن.

نېتانياھۇ بىلەن ترامپنى بىر – بىرىگە يېقىنلاشتۇرغان يەنە بىر نۇقتا، ترامپنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنى قايتىدىن مۇزاكىرىگە قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسى بولۇپ، بۇ دائىرىدە بۇ ئىككىسىنىڭ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى كۈتۈشكە بولىدۇ. ئەمما، ترامپ دائىرىلىرى ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتكەن تەقدىردە، رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە شەكىللەندۈرمەكچى بولۇۋاتقان سىياسەت كارىدورى مەسىلىسىدە كاشىلا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بار.

لېكىن، ترامپنىڭ مىسىر سىياسىتى بىلەن پەلەستىن / ئىسرائىلىيە سىياسىتى بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسقا قارشى سىياسىتى بىلەن مىسىرنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار سىياسىتى ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. بۇ ترامپنىڭ «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش» نەزىرىيەسىگىمۇ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىسىر – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مىسىرنىڭ ۋاز كېچىلمەسلىكىنى مۇستەھكەملەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر