22.02.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1150814
22.02.2019

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆررىيەت گېزىتى، «چاۋۇشئوغلۇ: "شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دائىرىسىدە 2 پاراخوت بىلەن نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشنى باشلايمىز" دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئۇقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە قىبرىس ئەتراپىدا 2 پاراخوت ئارقىلىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئايدىندىكى سودا - سانائەتچىلەر يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئەگە دېڭىزى، شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە قىبرىس ئەتراپىدىكى گىندوكاربون بايلىقلىرىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىستىراتېگىيەلىك نىشان ۋە مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ھېچقاچان قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشىغا يول قويمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز يول قويمايمىز» دېدى.

سىتار گېزىتى، «ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ھىندىستاندىن تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سانى 2017 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %80 ئاشتى. ھىندىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سانجاي باتتاچاريا ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمەن ئىستانبۇل، كاپادوكيا ۋە ئانتاليانى تاللاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەرزۇرۇم، ۋان كۆلى ۋە قارسمۇ ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرگە بىر ساياھەت پىلانى شەكلىدە سۇنۇلسا بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قارا دېڭىزمۇ ساياھەت ئىمكانىيىتى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مول يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە» دېدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى «تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىگە مەبلەغ سالماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: 

تۈركىيەنىڭ شامالدىن ئېنرگىيە ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلى شۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا يىلىغا 497 مېگاۋات ئېشىپ، 7369 مېگاۋاتقا يەتتى. بۇ ئارقىلىق تۈركىيە 2018يىلىدا شامالدىن ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ۋە نامزات دۆلەتلەر شۇنداقلا رۇسىيە ۋە ئۇراكىنانىمۇ قوشقاندا جەمئىي 38 دۆلەت ئارىسىدا 6بولدى. 

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ياۋوپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودت تەڭپۇڭلىقىدا ئوڭ پەرق يارىتىش سېگنالى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىدىكى سول پەرىقنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈردى. ئالدىنقى يىلى ياۋوپادىن 77 مىليارد 300 مىليون ياۋرولۇق مال ئېمپورت قىلغان بولسا، ياۋروپا ئىتىپاقىغا قىلغان ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىنى 76 مىليارد 300 مىليون ياۋروغا يەتكۈزدى. جەمئىي 153 مىليارد ياۋرولۇق ئومۇمىي سودا تەڭپۇڭلىقىدىكى سول پەرىقنى، 2018يىلى 1 مىليارد 200 مىليون ياۋروغا چۈشۈردى. تۈركىيەنىڭ بۇ يىل ياۋورپا بىلەن بولغان سودىدا ئوڭ پەرقىنى يۇقىرى كۆتۈرىشى مۆلچەرلەنمەكتە. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان سودىنى سول پەرىقنى تۈگۈتۈش نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلگەنلىكى مۇھىم بىر ئۇتۇق دەپ قارالماقتا.

ساباھ گېزىتى، «تۈركىيەلىك ساياھەتچىلەر چەت ئەللەردە 4 مىليارد 900 مىليون دوللار خىراجەت قىلدى» سەرلەرھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

 ئالدىنقى يىلى چەت ئەللەرگە چىققان 8 مىليون 383 مىڭ تۈركىيە پۇقراسىنىڭ %80.4 ى خۇسۇسىي، %19.6 ى گۇرۇپپا ساياھىتى قىلدى ۋە جەمئىي 4 مىليارد 896 مىليون دوللار چىقىم قىلدى. تۈركىيە ئىستاتىستېكا ئىدارىسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئالدىقى يىلى چەت ئەللەردە كىشى بېشىغا تەخمىنەن 584 دولار چىقىم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر