11.02.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

11.02.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «يېڭى ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزىنى ئۇل تېشى قويۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئىستانبۇل تاقسىم مەيدانىدا ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزىنىڭ ئۇل تېشىنى قويۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سەنئەت ۋە كۈلتۈر ھاياتىدا چىغىر ئاچىدىغان مۇھىم بىر قەدەمنى تاشلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزىنىڭ 95600 كىۋادرات مېتىرلىق ساھەگە ئىگە 5 ئايرىم بىنادىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، «ئىستانبۇل ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزىنى 2 يىلدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈزۈپ، سەنئەتچىلىرىمىز ۋە سەنئەتسۆيەرلەرنىڭ خىزمىتىگە سۇنىمىز» دېدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن تۈركىيە زور كۆلەملىك شېرىكچىلىك ئورناتتى، ئىستانبۇل ۋە ئانتالىيە مۇزاكىرە ئۈستىلىدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈرك – رۇس ئورتاق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەپسىلاتى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئىشقا ئاشۇرۇشى پىلانلىنىۋاتقان رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدىكى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدا، تۈرك – رۇس ئورتاق ئۇنىۋېرسىتېتى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى كۈتۈلمەكتە. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن ئىستانبۇل ياكى ئانتالىيادىن بىرىنى تاللاش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ئىستانبۇل ئايرودۇرۇملىرىدا 7 مىليون 968 مىڭ 882 يولۇچى كۈتۈۋېلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئاتاتۈرك، سابىھا گۆكچەن ۋە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇملىرىدا، يانۋار ئېيىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئاۋىياتسىيە سەپەرلىرى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 1068 ئېشىپ، 56 مىڭ 420 بولدى. بۇ مەزگىلدە مەزكۇر ئايرودۇرۇملار ئارقىلىق كېلىش – كېتىش سەپەرلىرى بولۇپ جەمئىي 7 مىليون 968 مىڭ 882 يولۇچى يۆتكەلدى. بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئېيىدا 56420 قېتىم دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ئايروپىلان قاتنىغان ئىستانبۇلدىكى ئايرودۇرۇملاردا 7 مىليون 968 مىڭ 882 يولۇچى كۈتۈۋېلىندى.

«<ستار> گېزىتى»، «گۈلە - قاق ئېكسپورتى 1 مىليارد 388 مىليون دوللارغا يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيەنىڭ گۈلە – قاق ئېكسپورتى 2018 – يىلى %8.5 لىك ئېشىش بىلەن 1 مىليارد 279 مىليون دوللاردىن 1 مىليارد 338 مىليون دوللارغا يەتتى. گېرمانىيە 178 مىليون دوللار بىلەن ئەڭ كۆپ گۈلە – قاق ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەت بولدى، ئەنگلىيە 164 مىليون دوللار بىلەن ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. ئىتالىيە بولسا، 102 مىليون دوللارلىق گۈلە – قاق ئېكسپورتى بىلەن ئۈچىنچى قاتارغا تىزىلدى. گۈلە – قاق ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەت سانى 143 بولدى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «چېچەكچىلەرنىڭ 2019 – يىللىق نىشانى 85 دۆلەتكە (مەھسۇلات) ئېكسپورت قىلىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئۆتكەن يىلى 100 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان تۈرك كەسمە گۈل – چېچەك ساھەسى، بۇ يىل دۆلەت سانىنى 85 كە يەتكۈزۈپ، 125 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت نىشانىغا يېتىشنى پىلانلىماقتا. ئوتتۇرا ئانادولۇ بېزەك ئۆسۈملۈكلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل يىلماز، ئەڭ مۇھىم بازارلىرىنىڭ گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يېقىنقى يىللاردا ئۆزبېكىستان بازىرىدىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىش بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر