22.01.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1130674
22.01.2019

سىتار گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بەدىلىنى ئېغىر تۆلەيدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ئىقتىساد كېڭىشىدە سۆز قىلغاندا، تېررورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز جۇدى ۋە گابار  قاتارلىق جايلاردا تېررورچىلارغا زەربە بەرمەيۋاتىمىز، بۇ بىزگە نىسبەتەن ئىككىنچى پىلاندا تۇرىدۇ، بىزگە نسىبەتەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان پىلان بولسا  چېگرايىمىزنىڭ سىرتىدىكى تېررورلۇققا ۋە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشتۇر. بۇ كۈرىشىمىز ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاسان بولمايدۇ، بىز كۈرىشىمىزنى ئىزچىل داۋملاشتۇرىمىز، كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر بىزگە ئازراقلا ھۇجۇم قىلىپ قويسا، بىز ئۇنىڭغا بەدىلىنى ئېغىر تۆلىتىمىز.»

ھابەرتۈرك گېزىتى: «ئىستانبۇلدا ياشاش ئۈچۈن 5 سەۋەبتىن بىرى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «نوپۇزلۇق ئىقتىساد ۋە سودا گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى 21-يانۋار سانىدا <ئىستانبۇلدا ياشاش ئۈچۈن 5 سەۋەبتىن بىرى>سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە، ئىستانبۇلنىڭ زامانىۋى سەنئەت مەركىزى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنىڭ بۇ 5 سەۋەبتىن بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى، خەۋەردە يەنە فىرانسىيەلىك يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى نىكولاس بوررىيادنىڭ باشچىلىقىدا <يەتىنچى قىتئە>تېمىسى بويىچە چاقىرىلىدىغان 16- قېتىملىق ئىستانبۇل  سەنئەت پائالىيىتىنىڭ، 2019-يىلدىكى خەلقئارا سەنئەت پائالىيەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.»

يېڭى شەپەق گېزىتى: «ئانتاليا 2019-يىلىغا ساياھەت رېكورتى بىلەن كىردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئانتالياغا 2019-يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى بۇلتۇرقنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك ئېشىپ 100مىڭغا يەتتى.»

ساباھ گېزىتى: «تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى <بوۋل>غا ئېلان بېرىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئامېرىكا دۆلەتلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاتلانتا شەھىرىگە بىۋاستە ئايروپىلان سەپىرى بولغان تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىلەرگە ئېلان بېرىدۇ. ئېلان ئارقىلىق ئۆزىنى ئامېرىكادا تېخىمۇ بەكرەك تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنى ئامېرىكاغا ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.»


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر