14.01.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1125132
14.01.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە سىنات – ھافتانىن رايونلىرىدا ئالدىنقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە كەم دېگەندە 3 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يەنە، «زاپ، سىنات – ھافتانىن رايونلىرىدا 2019 – يىلى 12 – يانۋاردا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورۇنلىرى يوقىتىپ تاشلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «(چېگرانىڭ) نۆل نۇقتىسىدا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر (ئۆتكۈزۈلدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۇرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەن قىسىملار، خاتاي چېگراسىدا تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. كوماندىر جەڭچىلەر مىنا چارلاش، يۆتكىلىش ۋە كۆزىتىش مەشىقلىرى ئېلىپ باردى.

«<ساباھ> گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ھەر 15 سېكۇنتتا بىر ئايروپىلان ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: قاتناش ۋە ئۈستقۇرۇلما ئىشلىرى مىنىستىرى جاھىت تۇرھان، ئۆتكەن يىلى تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئوتتۇرىچە ھەر  15 سېكۇنتتا بىر ئايروپىلان ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. تۇرھان، يېقىنقى يىللاردا ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلىدىغان يولۇچىلار سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «يېقىنقى 10 يىلدا ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلىدىغان يولۇچىلار سانى ھەر يىلى ئوتتۇرىچە %10.5 ئېشىپ، 62 مىليوندىن 210 مىليونغا ئۆرلىدى» دېدى.

«<ستار> گېزىتى»، «مىللىي قورالدا ئىپتىخار كۈنى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان يەرلىك ۋە مىللىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. قاتاردىن كېيىن ئۇكرائىنامۇ 6 دانە بايراقتار ت-ب 2 تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋېلىش توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ياپونلار ۋە جەنۇبىي كورېيەلىكلەر تۈرك ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاللىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئەگە ئېكسپورتچى بىرلىكلىرىنىڭ تۈرك ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بازارلىرىدا تونۇتۇشنى نىشان قىلغان  Turquality لايىھەسى، تۈرك ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەگە ئېكسپورت قىلىنىشىنى %36 ئاشۇرۇپ، 115 مىليون دوللاردىن 156 مىليون دوللارغا يەتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر