10.01.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

10.01.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن جەزبىدارلىق دۆلەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 13 – چوڭ دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى، بۇنىڭ يىل ئاخىرىدا يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر دۆلىتىمىزنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 168.1 مىليارد دوللارغا يەتتى، تۈركىيە خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن جەزبىدارلىق دۆلەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئالدىنقى يىلى دۆلىتىمىزگە سېلىنغان خەلقئارالىق سېلىنمىلارنىڭ مىقدارى 201 تىرىليون دوللارغا يەتتى.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئاقار بىلەن شويگۇنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

«‹ستار› گېزىتى»، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدە كىملەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ ئىسرائىلىيەدە بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە ۋەدە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتىنىڭ قىسقا بولۇشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

تېررورىزم ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئابدۇللاھ ئاغار تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيە مەسىلىسىدە پۈتۈشكەن تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭمۇ قايتىدىن شەكىللىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كوردلار بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە ئايرىم – ئايرىم پوزىتسىيە تۇتىدىغان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر غەرب دۇنياسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورناتسا، تۈركىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق بارغانسېرى زورىيىدۇ.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيە سىرتىدىكى تۈرك مىليونېرلارنىڭ سانى 5 مىڭ 779 غا يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

بۇلتۇر چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ۋە  ھېساباتىدا 1 مىليون تۈركىيە لىراسى بار بولغان تۈرك مىليونېرلارنىڭ سانى 37 مىڭ 340 دىن ئېشىپ، 176 مىڭ 320 گە يەتتى. بۇلتۇر نويابىر ئېيى ئېتىبارى بىلەن  مىليونېرلارنىڭ بانكا ھېساباتلىرىدىكى مەبلىغى 1 تىرىليون 80 مىليارد 73 مىليون تۈركىيە لىراسىغا يەتتى.

2017 – يىلقىغا سېلىشتۇرغاندا، 2018 – يىلى مىليونېرلارنىڭ سانى 5 مىڭ 779 كىشى كۆپەيدى، ئۇلارنىڭ بانكا ھېساباتلىرىدىكى مەبلىغىنىڭ مىقدارى 87 مىليارد 85 مىليون تۈركىيە لىراسىغا يەتتى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «2023 – يىللىق ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە تۈركىيەمۇ كىرگۈزۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مەركىزى ئەنگلىيەدىكى بانكىچىلىق ۋە پۇل – مۇئامىلە مۇلازىمەتلىرى شىركىتى «Standart Chartered PL» 2023 – يىلىغا بارغاندا ئىقتىسادىي ساھەدە دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

تىزىملىكتە، 2023 – يىلىغا بارغاندا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك 10 دۆلەتتىن 7 سىنىڭ ھازىرقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولىدىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، 5 – رەتكە تىزىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر