05.12.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1100525
05.12.2018

ھابەر تۈرك گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چەت ئەل زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن پاراگۋاي ۋە ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پايتەخت ئەنقەرەگە قايتىپ كەلدى. ئەردوغان ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: <لاتىن ئامېرىكا ۋە كارايىپ دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.> ئەردوغان يەنە زىيارەت ئەسناسىدا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.»

ھۈررىيەت گېزىتى: «بىنالى يىلدىرىم: خىتاينى ئىستراتېگىيەلىك دوست دۆلەت سۈپىتىدە كۆرىمىز، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت)باشلىقى بىنالى يىلدىرىم، جۇڭنەنخەي مېھمان سارىيىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ بىلەن كۆرۈشتى. يىلدىرىم مۇنداق دېدى: <تۈركىيە بىلەن خىتاي تارىخىي يىپەك يولىنىڭ ئاسىيانىڭ شەرقىدىن ياۋروپانىڭ مەركىزىگە تۇتۇشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك بېكەتلىرىگە جايلاشقان ئىككى دۆلەتتۇر، تۈركىيە خىتاينى ئسىتراتېگىيەلىك دوست دۆلەت سۈپىتىدە كۆرىدۇ.»

ساباھ گېزىتى: «ۋېنېزۇئېلادا ئەمىنە ئەردوغانغا ئاتاپ مەخسۇس مۇزىكا ئىجرا قىلىندى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا جەنۇبىي ئامېرىكا زىيارىتىدە ھەمراھ بولغان رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرا موروسنىڭ رەپىقىسى كىلىيا فلورېس دې مادۇرو تەرىپىدىن ئالاھىدە كۈتۈۋېلىندى. خەلقئارادا <ئەل سىستېما>دەپ ئاتلىدىغان ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر ئوركېستىراسى ۋە خور ئۆمىكى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ شەرىپىگە مەخسۇس كونسېرت بەردى. كونسېرتتا <ئۈسكۈدارغا ماڭغاندا>، <بىرلىكتە ماڭدۇق>، <سېرىق كېلىن> ۋە <ئىستىقلال مارشى>قاتارلىق ناخشا ۋە مۇزىكىلار ئىجرا قىلىندى.»

ۋاتان گېزىتى: « يىراقتىن تىزگىنەكلىك ھەربىي سىستېملىرى ئىلغارلاشتۇرۇلىدۇ »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەدە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىنسانسىز قۇرۇقلۇق ھەربىي ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈرلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى ئىنسانسىز ھەربىي ئاپپاراتلار سىستېمىلىرىنىڭ تۈرلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ۋە ئىلغارلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتى. ئىنسانسىز ھەربىي ئاپپاراتلار سىستېمىلىرىنىڭ ھەربىي ترانسپورت خىزمەتلىرى، خەتەرلىك جايلاردا چارلاش ۋە قاتناش خىزمەتلىرى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئوق چىقىرىش كۈچى ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىپ دۈشمەنگە يېقىنلىشىش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.»

سىتار گېزىتى: «تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى لىۋاندا ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى لىۋاندا 2007-يىلى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تېلېۋۇزوردا قويۇلۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن چەت ئەل چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىچىدە بىرىچىلىكنى قولدىن بەرمەي كەلمەكتە، لىۋانلىقلار سۈرىيە، مىسىر ۋە مېكسىكا چاتما تېلېىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنىڭ ئورنىغا تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنى بەكرەك ياخشى كۆردىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە،  لىۋان ئەرلىرى تۈركچە ئۆگىنىش ئۈچۈن تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرىدىغان بولسا، لىۋان ئاياللىرى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ سېنارىيەسى، تۈرك ئارتىسلىرى، تۈركىيەنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىققانلىقى ئۈچۈن كۆرىدىكەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر