08.11.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

08.11.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، مىنىستىر ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىغا ئالاقىدار قارارى توغرۇلۇق توختالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئوخشاشلا ئۇنىڭدىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان ي پ گ توغرىلىقمۇ كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

سۇدان زىيارىتى دائىرىسىدە سەۋاكىن ئارىلىدا بايانات بەرگەن ئاقار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار قارارىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقشىمىزنىڭ بۇ قەدىمى ناھايىتى ئىجابىي، ئەمما تولىمۇ كېچىككەن بىر قەدەمدۇر، ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئوخشاشلا ئۇنىڭدىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان ي پ گ توغرىلىقمۇ كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز. چۈنكى، ي پ گ لىق تېررورچىلار ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكا بىلەن بولغان دوستلۇقىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىزغا كۆلەڭگە چۈشۈرمەكتە، ئامېرىكا تەرەپتىن بۇ خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ گە يۈك ئاپتوموبىللىرى، ئايروپىلانلار بىلەن ھەربىي ئەسلىھەلەر، قورال – ياراغلار ۋە ئوق – دورىلار بىلەن تەمىنلىشىنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇ جەھەتتىنمۇ  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاققا ئەزالىق مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مارگارىتىس سىچىناس، كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى جوھاننېس ھان تۈركىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى، بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرەمدۇ؟»  تەرىقىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەسمىي پوزىتسىيەسى توغرۇلۇق پەقەت  باشلىق يېن كلود ياڭكېرلا بايانات ئېلان  قىلالايدۇ، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي نىشانى تۈركىيە بىلەن بولغان ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيە خەلقئارا تېلېفون، تېلېگراف ۋە رادىيو ئارقىلىق ئالاقە قىلىش ئىتتىپاقىغا ئەزا بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تېلېفون، تېلېگراف ۋە رادىيو ئارقىلىق ئالاقە قىلىش ئىتتىپاقى كېڭىشى سايلاملىرىدا 146 دۆلەتنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن، ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، يەر شارى خاراكتېرلىك سەۋىيەدە خەۋەرلىشىش تورى بىلەن خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئالاھىدە ئورگان بولغان خەلقئارا تېلېفون، تېلېگراف ۋە رادىيو ئارقىلىق ئالاقە قىلىش ئىتتىپاقى كېڭىشى سايلاملىرىنىڭ 2018 – يىلى 5 – نويابىر كۈنى دەيبەيدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سايلاملاردا تۈركىيە 146 دۆلەتنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن تۇنجى قېتىم   خەلقئارا تېلېفون، تېلېگراف ۋە رادىيو ئارقىلىق ئالاقە قىلىش ئىتتىپاقى كېڭىشىگە ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى يولۇچىلىرىنىڭ سانى 10 ئاي ئىچىدە 183 مىليونغا يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 تۈركىيە دۆلەتلىك ھاۋا يوللىرى مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىغا ئالاقىدار ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ مەزگىلدە ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى 182 مىليون 709 مىڭ 862 يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلغان، كەلگەن – كەتكەن ئايروپىلانلارنىڭ سانى  ئىچكى لىنىيەلەردە 75 مىڭ 583 كە، تاشقى لىنىيەلەردە 61 مىڭ 332 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر