23.10.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1073556
23.10.2018

ساباھ گېزىتى: «تۇساش ئافرىقىغا ئاتاك ناملىق تىكئۇچارنى ئەۋەتىدۇ »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «ماراكەشتە 24-27-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆرگەزمىدە <ت 129 ئاتاك>ناملىق تىكئۇچار ئۇچۇش ئېلىپ بارىدۇ، تۈرك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى شىركىتى ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ماراكەش ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ.  شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتكە <ت 129 ئاتاك>ناملىق مۇداپىئە ۋە تاكتىكا تىكئۇچارى قاتناشتۇرۇلىدىكەن.»

ۋاتان گېزىتى: «تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى 3-خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىدىغان ئايروپىلانلار ئۈچۈن بېلەت سېتىشنى باشلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىستانبۇل يېڭى ئايرودۇرۇمى تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدىكى ئۇچۇش مەركەزلىرى قاتارىغا قوشۇلۇش بىلەن بىرگە ئىنتېرنېت ئارقىلىق بېلەت سېتىش باشلىدى. يېڭى ئايرودۇرۇم سىستېمىغا < ISL > نومۇرى بىلەن كىرگۈزۈلدى، ، 1-نويابىردىن باشلاپ تۇنجى سودا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ، يېڭى ئايرودۇرۇمدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇنجى سەپەر 1-نويابىر پەيشەنبە كۈنى سائەت 11:00دە ئەنقەرەگە بولىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردە كۈندە 5 قوزغىلىش ۋە 5 قونۇش بولىدىغان ئايرودۇرۇمدىن ئەنقەرە، ئىزمىر ۋە ئانتالياغا ئۇچۇش سەپەرلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.»

يېڭى شەپەق گېزىتى: «ياپون سۇشىسىگە تۈرك تەمى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئەڭ ئاساسلىق ياپون تائاملىرىدىن بولغان سۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان تۇننۇس بېلىقلىرىدىن بۇ يىل 56 مىليون 600 مىڭ دوللار كىرىم قىلىندى، تۇننۇس بېلىقى ئەگە ۋە ئاقدېڭىز بويلىرىدىكى بېلىقچىلىق مەيدانلىرىدا يېتىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ياپونىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %18 ئېشىپ 56 مىليون 587 مىڭ دوللارغا يەتتى. ئېكسپورت قىلىنغان تۇننۇس بېلىقىنىڭ مىقدارىمۇ %5 ئېشىپ 6726 توننىغا يەتتى.»

ھۈررىيەت گېزىتى: «بۇرسانىڭ قارا ئەنجۈرى 42 دۆلەتنىڭ تاماق ئۈستىلىدىن ئورۇن ئالدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ تاماق ئۈستىلىگىچە كىرەلىگەن، بولۇپمۇ ياۋروپا، يىراق شەرق دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيەدە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدىغان <بۇرسانىڭ قارا ئەنجۈرى >، بۇ يىل 42 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىندى. بۇ مەھسۇلاتقا ئالاھىدە قىزىقىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەر بىرىگە بۇ يىل مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئېكسپورت قىلىندى. گېرمانىيەگە 1650 توننا، ئەنگلىيەگە 1468 توننا، رۇسىيەگە 1464 توننا، فىرانسىيەگە 1278 توننا قارا ئەنجۈر سېتىلدى.»

سىتار گېزىتى: «ئىنسانلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرى يەرلىك سىستېما بىلەن ئانالىز قىلىنىدۇ»سەرلەۋھىلىك  خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «مالاتيا تېخنولوگىيە تەتقىقات مەركىزىدە سۈنئىي ئەقىل ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر شىركەت،  ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چىراي ئىپادىلىرىغا ئاساسەن دەرھال ئانالىز قىلالايدىغان سىستېما لايىھەلەپ چىقتى. تەخمىنەن 100 مىڭغا يېقىن چىراي ئىپادىسى خاتىرلەنگەن بۇ سىستېما كامېرا ۋاستىسى ئارقىلىق بولۇپمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىلىرىنى سىستېمىغا خاتىرلەنگەن چىراي ئىپادىلىرىگە سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان ئۇچۇرلارنى كۆچمە پىروگرامما بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرگە دەرھال يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. شىركەت مەسئۇلى تارىك شىرەجى سىستېمىنى مەكتەپلەردە، يىغىلىشلاردا، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەردە، مېھمانخانىلاردا، سودا-سېتىق مەركەزلىرىدە ۋە غارلاردا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر