11.10.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

11.10.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا ئەللىرىگە مۇھىم چاقىرىقتا بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «2 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، مۇنداق دېدى: «بىز ئافرىقا قىتئەسىدىكى دىپلوماتىك مەۋجۇدىيىتىمىزنى كۈنسېرى مۇستەھكەملىدۇق، ئافرىقا ئەللىرىمۇ تۈركىيەدىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ سانىنى 10 دىن 33 كە يەتكۈزدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق سەھنىلەردە، تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئادالەت بەرپا قىلىش نىشانىنى بويلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي كۈرىشىنى ئافرىقىلىق دوستلىرىمىز قىزغىن قوللىدى ۋە قوللاۋاتىدۇ. ئەمدى بارلىق ئافرىقىلىق دوستلىرىمىزغا، قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنداق       چاقىرىقتا بولىمەن: كېلىڭلار، سودا ئىشلىرىمىزنى يەرلىك پۇللار بىلەن، مىللىي پۇللار بىلەن ئىشقا ئاشۇرايلى!»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئىستانبۇلدىكى يېڭى ئايرودۇرۇمنىڭ بېلەتلىرى سېتىلىشقا باشلايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى يېڭى ئايرودۇرۇم ئۈچۈن بېلەت سېتىشى بىرقانچە كۈن ئىچىدە باشلىنىدۇ. ناھايىتى چوڭ مەركەزنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى  دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بەزى ئۇچۇشلىرىنى بۇ يەردىن باشلايدۇ. ئۇچۇش سەپەرلىرى ئۈچۈن بېلەت سېتىلىدىغان لىنىيەلەر ئارىسىدا، ئىزمىر، ئادانا، ئەنقەرە، ئانتاليا، باكۇ قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىمۇ بار. يېڭى ئايرودۇرۇمنىڭ يولۇچىلار ئۈلۈشىنىڭ % 70 تى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت بولىدۇ. يېڭى ئايرودۇرۇمغا تولۇق يۆتكىلىش خىزمىتى بولسا 30 – 31 – دېكابىر كۈنلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «<ئاتاق> ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار تېخنىكىلىق جەھەتتىن تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قول ئىلكىدىكى «ئاتاق» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى تېخنىكىلىق جەھەتتىن تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا. بۇ دائىرىدە «ئاتاق» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش نىشانىغا ئاساسەن، يېڭى يۇمشاق دېتاللارنى سەپلەش پائالىيىتى باشلاندى.

 «ئاتاق» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئۈچۈن يەنە، يەرلىك موتورلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىپ، 20  مىللىمېتىرلىق سىستېمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى نىشان قىلىنماقتا.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «مۇغلاغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى % 32 ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

يېقىنقى 9 ئاي ئىچىدە مۇغلاغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 32 ئاشتى.

مۇغلا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فىلىز قاراجائاغاچنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇغلاغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئارىسىدا ئەنگلىيەلك ساياھەتچىلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، مۇغلاغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەردىن  900 مىڭ 75 ى ئەنگلىيەلىك، 380 مىڭ 487 ى رۇسىيەلىك، 177 مىڭ 94 ى گېرمانىيەلىك، 168 مىڭ 165 ى ئۇكرائىنالىق، 132 مىڭ 895 ى پولشالىق ئىكەن.

«‹ستار› گېزىتى»، «يەرلىك ۋە چەت ئەللىك  ياغاچ قونچاق ئويۇنى قويغۇچىلار پايتەخت ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

بۇ يىل 4 – قېتىملىقى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئەنقەرە ياغاچ قونچاق ئويۇنى قويغۇچىلار فېستىۋالىدا، 9 دۆلەتتىن 36 ياغاچ قونچاق ئويۇنى  تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلىدۇ.

12 – 21 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ۋە ئەنقەرە تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكولتېتىنىڭ «فارابى زالى» دا «سوكراتنىڭ ئاخىرقى كېچىسى» ناملىق ياغاچ قونچاق ئويۇنى بىلەن باشلىنىدىغان فېستىۋال دائىرىسىدە، سۆھبەتلەر ۋە بەس – مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدىن سىرت يەنە، ئايشە ئۇيسالنىڭ فوتو سۈرەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان «قارا كۆزلۈك پېرسوناژلار» ناملىق كۆرگەزمىمۇ سەنئەتسۆيەرلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر