13.09.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

13.09.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتىنى قوغداش پەرمانىنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆي-زېمىن ۋە كۆچمە مۈلۈكلەرنى ئېلىپ-سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرىدا تۈركىيە لىراسى قوللىنىلىدىكەن، چەت ئەل پۇللىرىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن كېلشىملەر 30 كۈن ئىچىدە لىراغا ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

«ۋەتەن گېزىتى»، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئەلسانىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كىشىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئەلسانىنىڭ توقۇنۇشماسلىق رايونى بولغان ئىدلىبنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاشنى ۋە پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى قوغداشنى، تۈركىيەگە ئوخشاش رايوندىكى ئىتتىپاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئەلسانىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خەلقىگە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكچى بولغانلىقىدىن پەيدا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەپ، دۇنيانىڭ بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەدە تۇنجى قېتىملىق راكېتا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، راكېتا مۇسابىقىسى ھازىرغىچە ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەدىكىسى تۇنجى قېتىملىقى بولىدىكەن. مۇسابىقىگە تۈركىيەدىن 157 كوماندا ئىلتىماس سۇنغان، تۈنۈگۈن بەش كوماندا ئۆزلىرى لايىھەلىگەن راكېتانى قويۇپ بەرگەن. راكېتالار 2800 مېتىر يىراقلىققا مۇۋەپپەقىيەت بىلەن يېتىپ بارغان.

«ستار گېزىتى»، 20-23-سېنتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇل ئاۋىياتسىيە، ئالەم تېخنىكىلىرى فېستىۋالىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فېستىۋالغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دۇنياغا داڭلىق كىشىلەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى، 12 كاتېگورىيە بويىچە مۇكاپات تارقىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر