10.09.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

10.09.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ئاقدامار چېركاۋىدا ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ۋاننىڭ گەۋاش ناھىيەسىدىكى ئارال بىلەن ئىسىمداش تارىخىي ئاقدامار چېركاۋىدا 3 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلمىگەن دىنىي مۇراسىم، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت ئەرسويمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن مۇراسىمغا تۈركىيە ئەرمەنلىرى پاترېگى ئومۇمىي ۋەكىلى باش ئېپىسكوپ ئارام ئاتەشيان ۋە ھەمرالىقىدىكى ئېپىسكوپوس ساھاك ماشاليان، پاترىك ئومۇمىي ۋەكىل ياردەمچىسى راھىپ ماغاكيا بەكسىزىيان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمغا تۈركىيە ۋە چەت ئەللەردىن بولۇپ يۈزلەرچە كىشى ئىشتىراك قىلدى.

«<ساباھ> گېزىتى»، «ئەمىنە ئەردوغانغا ئىنسانىي خىزمەت تەقدىرلەش مۇكاپاتى (بېرىلدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، بىرمادا يۈز بەرگەن ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا شۇنداقلا موھتاجلارغا قارىتا قىلغان خەير – ساخاۋەت تۈرىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن «دۇنيا ساخاۋەتچىلەر مۇنبىرى» تەرىپىدىن «ئىنسانىي خىزمەت تەقدىرلەش مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى. مۇكاپات ئەمىنە ئەردوغانغا 11 – سېنتەبىردە لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا تەقدىم قىلىنىدۇ.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «ئانتالياغا ھاۋادىن 9 مىليون 600 مىڭ چەت ئەللىك زىيارەتچى (كەلدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئانتاليا ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرى مۇدىرلىقى، ئانتالياغا ھاۋا يولى بىلەن كەلگەن چەت ئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلدى. ساياھەتچىلىكتە بۇ يىل تارىخىي رېكورت يارىتىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچى سانى 9 مىليون 666 مىڭ 859 غا يەتتى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «خىتايلار تۈركىيەگە قۇرۇق ئۈزۈم ئۈچۈن كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: خىتايلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان قۇرۇق ئۈزۈمنى تۈركىيەدىن سېتىۋېلىشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن خىتاي ھەيئىتى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورتچىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تارىش ئەنتەگرە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. مەركەزنى ياقتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن خىتاي ھەيئىتى، تۈرك ئەمەلدارلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

«<ستار> گېزىتى»، «تارىخىي قەبرە يۆتكىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: باتماننىڭ تارىخىي ھاسانكەيف ناھىيەسىدىكى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان ئىللىق سۇ ئامبىرى يۈزىسىدىن سۇ ئاستىدا قالىدىغان يادىكارلىقلارنى قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، 800 توننا ئېغىرلىقتىكى ئىمام ئابدۇللاھ قەبرىسى بۈگۈن يېڭى ئورنىغا يۆتكىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر