06.09.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

06.09.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە ئىدلىب ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە پۇقراۋى ئۆلۈملەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى. چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھېچكىم ھېچكىمنى ئالدىمىسۇن. بۇ ھۇجۇملارنىڭ نىشانى ئىدلىبنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.»

چاۋۇشئوغلۇ ئىدلىبتىكى رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ باھانە قىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىغا مۇنداق نارازىلىق بىلدۈردى: «ئەگەر سىلەر بۇ گۇرۇپپىلارغا قارشى بولساڭلار، ئۇنداقتا، ھەلەبتىن شەرقىي غۇتەدىن، ھۇمۇستىن، ھەتتا جەنۇبتىن بۇلارنى قورال - ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە نېمىشقا ئىدلىبقا كىرگۈزدۈڭلار؟»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيە 2019 – يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزىلىتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئالدىمىزدىكى كۈنلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىمىز. بۇ ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىمىز. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىڭ دۆلىتىمىزگە قارىتا مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىىشىغا شاھىت بولىمىز. دەرۋەقە، تۈركىيە كۆپ يۆنىلىشلىك ئىقتىسادىي پىلان – لايىھەلىرى ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەقىل پاراسەتلىك كىشىلەر تۈركىيەدىن مال - مۈلۈك سېتىۋالماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكىلىق كارخانىچى ۋە پۇل – مۇئامىلە مۇتەخەسسىسسى جەيمىس روگېرس مەبلەغ سالغۇچىلارغا تۈركىيەدىن مال - مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەقىل پاراسەتلىك كىشىلەر نۆۋەتتە تۈركىيەدىن مال - مۈلۈك سېتىۋالماقتا. ئەگەر مەن كېلەچىكىم ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىغان بولسام، ئەلۋەتتە تۈركىيەدىن مال - مۈلۈك سېتىۋالغان بولاتتىم.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشىنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن روگېرس، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇزاق مەزگىلدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈرك شىركەتلىرىنىڭ < F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى  ئىشلەپچىقىرىشقا قوشقان تۆھپىلىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنى لايىھە سىرتىدا قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسىدە تۈرك شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىقىنى جاكارلىدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،  « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن تارتىپ موتورىغىچە 19 نۇقتىسىدا 7 تۈرك مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىنىڭ ھەسسىسى بار بولۇپ، بۇ ئايروپىلاننىڭ مۇھىم پارچىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تۈرك شىركەتلىرى،  « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە زداكاز قىلغۇچىلارغا ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە توي ساياھىتى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەگە توي ساياھىتى ئۈچۈن كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىن توي مۇراسىملىرىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەلەپ سۇنۇۋاتقانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.  بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيى ئىچىدە توي مۇراسىملىرىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن ھىندىستان ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە  ئاشتى. ھىندىستاندىن % 95 لىك ئېشىش بىلەن 93 مىڭ، لىۋاندىن بولسا % 43 لىك ئېشىش بىلەن 155 مىڭ ساياھەتچى تۈركىيەگە كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر