05.09.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىم قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

05.09.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قىرغىزىستاندىن قايتىش سەپىرىدە، مۇخبىرلارغا مۇھىم باياناتلارنى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە: «ئىدلىبكە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياغسا، ئۇ يەردە قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دېگەن: «ئىدلىبكە قارىتا ناھايىتى رەھىمسىز مۇساپە باشلىنىۋاتىدۇ. ئۇ يەردە 3.5 مىليون كىشى بار، بىر بالايى-ئاپەت يۈز بەرسە، بۇ كىشىلەرنىڭ قاچالايدىغان جايى يەنە تۈركىيە بولىدۇ» دېگەن.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئىراق چېگراسىدا تېررورىستلار تەرىپىدىن «كىرگىلى بولمايدۇ» دەپ ئاتالغان ئىككى ياقا تاغلىرىدا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ، ئۈچ ھەپتىدە 16 تېررورىستنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ رايوندىكى شايكىلىرىغا قاتتىق زەربە بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، گىرېتسىيەنىڭ ئىككى ئەسكىرىنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەدىرنەدە 5 يېرىم ئاي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى گىرېتسىيە ئەسكىرى سوراق قىلىنغاندا، تۈركىيە تەرەپكە قانۇنسىز ھالدا ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئاسەلسان- ھەربىي ئېلېكتىرونلۇق سانائىتى (ASELSAN) نىڭ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تەتقىقات ۋە سىناق مەركىزى قۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، 1974-يىلدىكى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ، تۈركىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو سەۋەبلىك يەرلىك قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئاسەلسان ۋەخپىنىڭ، قىبرىسقا بولغان ۋاپا بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، دېنىزلىنىڭ ئاق جەننىتى دەپ ئاتالغان پامۇكقەلئەدە مىلاددىدىن بۇرۇنقى 60-يىلدا يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ۋە مىسىر خانىشى كلېيوپاترانىڭمۇ يۇيۇنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدىغان كلېيوپاترا كۆلچىكىنىڭ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، قوينىدىكى تارىخىي يادىكارلىقلار ئارىسىدا سۇ ئۈزگەن ساياھەتچىلەرنىڭ، ئىسسىق ۋە شىپالىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان سۇدا كەيىپ سۈرۈۋاتقانلىقى قەيت قىلندى.


خەتكۈچ: ۋەتەن , ستار , ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر