04.09.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

04.09.2018

يېڭى شەپەق گېزىتى «تېخنو- فېستىۋال ئىستانبۇل ئۈچۈن تەتۈر ساناش باشلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: « تېخنو- فېستىۋال ئىستانبۇل <مىللىي تېخنولوگىيە ئىستىراتېگىيەسى>دائىرىسىدە 20-سېنتەبىردىن 23-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم ھېسابلىنىدىغان ئىستانبۇل يېڭى ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئاۋىئاتسىيەچىلىك، ئالەم ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالى بولغان تېخنو- فېستىۋال ئىستانبۇلدا تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتلىق تېخنولوگىيە مۇسابىقىسىدىن سىرت ئاۋىئاتسىيەچىلىك پائالىيەتلىرى، ئىلمىي لېكسىيەلەر، خەلقئارا ئىگىلىك باشقۇرۇش يىغىنلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.»

ھابەر تۈرك گېزىتى «تۈرك يۈك شىركىتى 85 رايونغا مۇلازىمەت قىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ھاۋاچىلىق تىرانسپورت يۈك ساھەسىدە دۇنيا بويىچە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان ھاۋا يۈك شىركىتى بولغان تۈرك يۈك شىركىتى، مۇلازىمەت دائىرىسىگە رىۋاندانىڭ پايتەختى كىگالى ۋە ئوماننىڭ پايتەختى مەسقاتنىمۇ قوشتى. شۇنداق قىلىپ تۈرك يۈك شىركىتى مۇلازىمەت قىلىدىغان رايون سانى 85گە يەتتى.»

سىتار گېزىتى «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدە كېلىشىم ئىمزالايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئەتە <5-سېنتەبىر> ئىستانبۇل خەلقئارا يەرمەنكە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سودا مۇنبىرىدە يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدە كېلىشىم ئىمزالايدۇ. <يېمەك-ئىچمەك ئىستانبۇل>ناملىق يەرمەنكىدىن كېيىن، تاشقى ئىقتىسادىي ئالاقە كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن تۈركىيە-رۇسىيە سودا كېڭىشى دائىرىسىدە يىغىن چاقىرىلىدۇ، بۇ يىغىنغا توقۇمۇچىلىق، پولات-تۆمۈر، ئاشلىق، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئائىلە سايمانلىرى ساھەسىدىكى تۈرك ۋە رۇس كارخانچىلار ئىشتىراك قىلىدۇ. يىغىندىن كېيىن ئىككى دۆلەت كارخانچىلىرى يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدە كېلىشىم ئىمزالايدۇ.»

ساباھ گېزىتى «ساياھەتچىلەر پامۇككالەگە سەلدەك ئاقماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دېڭىزلى ۋىلايىتىنىڭ ئاق <جەننەت>دەپ ئاتىلىدىغان پامۇككالە رايونىدا مىلادى 60-يىللاردا يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە شەكىللىنىپ مىسىر خانىشى كىلوپاترانىڭ يۇيۇنغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان كىلوپاترا كۆلچىكىگە ساياھەتچىلەر سەلدەك ئاقماقتا. قەدىمىي كۆلدىكى تارىخىي يادىكلارلىقلار ئىچىدە سۇ ئۈزگەن ساياھەتچىلەر ئىسسىق ۋە شىپالىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۇدىن زوق ئالماقتا. <كىلوپاترانىڭ گۈزەللىك كۆلچىكى> دەپ تەرىپلىنىدىغان قەدىمىىي كۆلچەككە يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر بىلەن شىپا ئىزىدىگۈچىلەرمۇ كېلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەزىرىتى مەريەم ئەفەسكە ماڭغاندا بىئارام بولغان كۆزىنى پامۇككالەدىكى سۇ بىلەن يۇغاندا ساقايغان ئىكەن.»

ھۈررىيەت گېزىتى «داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋان دان تۈركىيەنى ماختىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «بىر مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش پائالىيىتىگە باھالىغۇچى سۈپىتىدە قاتنىشىش ئۈچۈن ئانتالىيەگە كەلگەن داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋان دان، تۈركىيە تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى. <تۈركلەر ناھايىتى سەممىي ۋە خۇش پىئىل ئىكەن>دېگەن ۋان دان تۈرك تائاملىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:< تۈرك تائاملىرى ھەقىقەتەن لەززەتلىك ئىكەن، بۇ قېتىم نۇرغۇن تائاملارنى تېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، بۇ تائاملار بىر-بىرىدىن تەملىك ئىكەن. ماڭا ئەڭ تېتىغىنى تاس كاۋاپى بولدى.> ۋان دان يەنە تۈركىيەنىڭ توقۇمچىلىق ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر