03.09.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

03.09.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ۋەتەن> گېزىتى»، «قاتارنىڭ 5 (سودا) گۇرۇھى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: قاتار دۆلىتى تاشلىغان 15 مىليارد دوللارلىق قەدەمدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلىرىمۇ يۆنىلىشىنى تۈركىيە تەرەپكە بۇرىدى. دۆلەتنىڭ 5 مۇھىم سودا گۇرۇھى دەسلەپكى قەدەمدە 300 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. قاتار گۇرۇھى، ئەسسا، نورا راشىد ئال دۇسورى، ئال سۇمەئىتى ۋە راشىد ئەلقۇبەيسىنىڭ مەبلەغلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان رويال لىنك شىركىتى باش مۇدىرى ئەھمەد ھۇسەيىن ئەھمەد ھەسەن، قاتاردا مەبلەغ سالغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ئىشخانا ئېچىلغان تەقدىردە، خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەردىن تۈركىيەگە سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ 50 مىليارد دوللارغا يېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «بورسا ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىدىكى ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ پايدىسى %25 دىن ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، بورسا ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىدا ئاپتوموبىل ساھەسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 8 شىركەتنىڭ ئومۇمىي ساپ پايدىسىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %25 ئېشىپ، 1 مىليارد 748 مىليون 700 مىڭ تۈرك لىراسىغا يەتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. خەۋەردە، ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاكتىپ سەرمايىسىنىڭ ئىككىنچى چارەكتە 42 مىليارد تۈرك لىراسىغا يېقىنلاشقانلىقى، مەنبەلىرىنىڭ بولسا 10 مىليارد تۈرك لىراسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

«<ستار> گېزىتى»، «مىللىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۇچىدىغان ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۆزىگە خاس تىك ئۇچار ئايروپىلانى T-625 نىڭ ماتورىنى سىناق قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى، چاقپەلەكلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئايلانغانلىقىنى يازدى. خەۋەردە، تۈركىيەدە لايىھەلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تۇنجى ئۇچۇش ۋاقتىنىڭ 6 – سېنتەبىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. گېزىت، T-625 تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ھەرقانداق قىيىن شارائىت ۋە رايونلاردا، ئالاھىدە يۈكسەكلىك، قاتتىق ئىسسىق دېمەستىن كېچە – كۈندۈز ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدىغان ھالەتتە ياساپ چىقىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ لايىھەلىنىش ۋە ئىشلەپچىقىرىلىشىدا يەرلىك مەنبەلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى، ئايروپىلانغا كۆپ خىل ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارىنىڭ سەپلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. خەۋەردە، تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ يۆتكەش، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش، ھاۋا جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى دېگەندەك ناھايىتى كۆپ ساھەدە ئىشلىتىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى 7 يۈرۈش (مېڭىش) يولىنىڭ بىرى تۈركىيەدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: مۇغلانىڭ فەتھىيە ناھىيەسىدىن ئانتالياغىچە سوزۇلىدىغان 540 كىلومېتىرلىق دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى 7 ئۇزۇن مۇساپىلىك مېڭىش (چىغىر) يولىنىڭ بىرى، دەپ قوبۇل قىلىنغان لىكيا يولى، مېھمانلىرىغا تەڭداشسىز مەنزىرىلىرى بىلەن تارىخىي چوڭقۇرلۇق بېغىشلايدۇ. ئۆلۈك دېڭىز مەنزىرىسى بىلەن باشلىنىدىغان تارىخىي يول، تەبىئەت مۆجىزىلىرى ئارىسىدا پات – پات ئىنسانغا تونېللاردىن ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. فەتھىيە بىلەن ئانتاليا ئارىسىدىكى ئاقدېڭىزغا سوزۇلغان تەكە يېرىم ئارىلى، تارىختا لىكيا، دەپ ئاتىلاتتى. يېرىم ئارالدىكى بەزىدە تاغلارنىڭ چوققىسىنى، بەزىدە ئاجايىپ گۈزەل سۇ ئۈزۈش كۆللىرىنى، بەزىدە قەدىمىي شەھەرلەرنى بېسىپ ئۆتىدىغان ئىشارەتلەنگەن چىغىر يوللار لىكيا يولى، دەپ ئاتىلىدۇ.

«‹خابەر تۈرك› گېزىتى»، «ئانتاليا ساياھەتچىلىكىدە ئاۋغۇست رېكورتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئانتاليا ئاۋغۇست ئېيىدا ساياھەتچىلىكتە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق رېكورتلارنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۆتكەن ئاي (ئاۋغۇست) شەھەرگە كەلگەن ساياھەتچى سانى 2 مىليون 150 مىڭ 448 غا يەتتى. 1 – يانۋار بىلەن 31 – ئاۋغۇست ئارىسىدا شەھەرگە كەلگەن ساياھەتچى سانى 9 مىليون 62 مىڭغا يەتتى. ئانتالياغا 2018 – يىلى جەمئىي 14 مىليون ساياھەتچى كېلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر