29.08.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

29.08.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ھەربىي ئۇچقۇچىسىنىڭ ئامېرىكادىكى تەلىم-تەربىيە دائىرىسىدە، «F-35 » ئايروپىلانىدا تۇنجى ئۇچۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاپشۇرۇۋېلىنغان F-35 ئايروپىلانى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە سەپلەنگەن تۇنجى 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدىكەن. تۈركىيە راداردا كۆرۈنمەيدىغان، سىگناللارنى توسالايدىغان يۇقىرى تېخنىكىلارغا ئىگە رادار سىستېمىسى بىلەن، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەتلىرىدە يۇقىرى ئۈستۈنلۈكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان F-35 ئايروپىلانىدىن قەدەممۇ قەدەم 100 دانە سېتىۋېلىشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركەز بانكاسى 2018-يىلنىڭ ئىيۇل ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ۋە تاشقى پېرېۋوت ئوبروتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 2018-يىلىنىڭ ئىيۇن ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %2.4 ئېشىپ، 100.7 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، مەركىزىي ئامېرىكاغا جايلاشقان «نېيۇبېرگېر بېرمان فوند شىركىتى» نىڭ، تۈركىيە بانكالىرىنىڭ دوللاردىن بولغان زايوملىرىنى قوغداشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، پېشقەدەم فوند باشقۇرغۇچىسى ېىۋېك بوممىنىڭ: «تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان چوڭ ئورگانلار ۋە بانكالارنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى. تۈركىيەدە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا پايدىلىق ئىمكانىيەتلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتىنىڭ تۈركىيەنى «ئېلىم-سېتىم جەننىتى» گە ئايلاندۇرۇش يولىدا پۇختا قەدەملەر  بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى خەۋەرت قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى ۋەكىللىرى تۈركىيەنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە يىراق شەرقنىڭ «ئېلىم-سېتىم جەننىتى» بازىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تەلەپلەرگە قارىتا كىيىم-كېچەك نۇسخىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. چەت ئەللىكلەرنىڭ سودىلىق ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرگەن تەييار كىيىم-كېچەك خوجايىنلىرى يېڭى پەسىللىك نۇسخىلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە قارىتا تەييارلىغان.

چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەگە دېڭىز ۋە ئاپتاپقا قاقلىنىش ئۈچۈنلا  كەلمەيدىغانلىقىنى، بەلكى سودىلىق ئۈچۈنمۇ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كىيىم-كېچەك خوجايىنلىرى، تۈركىيەنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە يىراق شەرقنىڭ «ئېلىم-سېتىم» بازىسىغا ئايلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەن.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئالەم تەتقىقاتى لايىھەلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان «شەرقىي ئانادولۇ رەسەتخانىسى» نى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن تەتۈر ساناشنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئەرزۇرۇمدا دېڭىز يۈزىدىن 3170 مېتىر ئېگىز بولغان ئېگىزلىككە سېلىنغان شەرقىي ئانادولۇ رەسەتخانىسىغا، باشقا تېلېسكوپلاردا بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە تېلېسكوپنىڭ ئورنىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، دۇنيادا ئەڭ ئىلغار تېلېسكوپى بار ئۈچ رەسەتخانادىن بىرى بولىدىغان شەرقىي ئانادولۇ رەسەتخانىسىنىڭ 2020-يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈ رۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە يەنە، رەسەتخانىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىشى بىلەن، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاستروفىزىكا ۋە ئالەم تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەرزۇرۇمغا كۆپلەپ كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: ۋەتەن , ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر