28.08.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

28.08.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى قىلىش ئۈچۈن فىرانسىيەگە يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ فىرانسىيە پۇل-مۇئامىلە مىنىستىرى برۇنو لې مېيرە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، بەرات ئالبايراكنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ سودا ئېمبارگوسى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، دوللارنىڭ دۇنيا سودىسىدا ئىشەنچلىك پۇل بىرلىكى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، خىتاينىڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئىقتىسادقا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، سۇمرۇغ تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە: «تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتىنىڭ خەلقئارالىق بازارلاردا كەڭ ئومۇملاشتى، بەلكىم بۇ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىچكى قىسىمدا جانلاندۇرغۇچى ئامىل بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا تۈركىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسقۇچقا ئېلىشقا ئۇرۇنسىمۇ، تۈركىيەنىڭ، بولۇپمۇ  مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئىقتىسادىي تىرىشچانلىقلار كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ. مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئېكسپورت سۈرئىتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۈنسېرى بازارلاردا كەڭ ئومۇملىشىشى، بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ» دېيىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ئامېرىكالىق ئىقتىسادشۇناس جون پېركىنسنىڭ: «تۈركىيەگە ئوخشاش تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادلارنى نىشانغا ئالغان پۇل-مۇئامىلە ياللانمىلىرىنىڭ بارلىقىدىن ھېچقانداق شۈبھىلەنمەيمەن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

جون پېركىنسيېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا: «تۈركىيەگە جەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن» دېگەن.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى بىلەن ئايالى كارلا برۇنىنىڭ يازلىق دەم ئېلىش ئۈچۈن بودرۇمغا كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، دۆلەتلەر ۋە شەھەرلەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغان ئىنتېرنېت تور بېتى نامبېيو (Numbeo) نىڭ، شەھەرلەرنىڭ سەھىيە ئىندېكسلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، بۇرسا ۋە ئىزمىر قاتارلىق شەھەرلىرى تىزىملىككە كىرگەن.

شەھەر ئىندېكسلىرى، شەھەرلەردىكى كۆكەرتىلگەن قايلار، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتى، ھاۋا ۋە سۇ سۈپىتى، ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى، كىشىلەردىكى سېمىزلىك نىسبىتى، خىزمەت ۋە خۇسۇسىي تۇرمۇش تەڭپۇڭلۇقى قاتارلىق ئوخشىمىغان 10 نۇقتا بويىچە تەكشۈرۈپ باھالىنىدىكەن.


خەتكۈچ: ۋەتەن , ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر