27.08.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

27.08.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى زەپەر ھەپتىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ۋىدېئو تارقاتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى، مالازگىرت زەپىرىنىڭ 947 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئارقىلىق بىر ۋىدېئو تارقاتتى. مالازگىرتتا تۈركلەرنىڭ ئانادولۇغا كىرىشىنى سىمۋوللۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن مۇبارەك قەدەمنىڭ تاشلىنىش ھېكايىسى تېما قىلىنغان ۋىدېئو، «زەپەر ھەپتىسى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە رەھمەت بىلەن، غازىلىرىمىزنى مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن خاتىرىلەيمىز» دېگەن قوشۇمچە ئۇچۇر بىلەن بىرلىكتە تارقىتىلدى. ۋىدېئو قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈلۈش رېكورتى ياراتتى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «گېرمانىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، (شىركەت) خوجايىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى تۈركىيەگە چاقىردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: سان ئېكسپرېس ھاۋا يولى شىركىتىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جېنس بىسچوف، «مەبلەغ سالغۇچىلارغا مەبلەغ سېلىش قارارلىرىنى ئۈستەل بېشىدىكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن چىقارماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يەرگە (تۈركىيەگە) كېلىڭلار، بۇ دۆلەتنى، مۇھىتىنى، ئۈستقۇرۇلمىسىنى كۆرۈڭلار» دېدى. تۈركىيە ساياھەتچىلىك ساھەسى ۋە جەلىپكارلىقىدا زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بىسچوف، «بولۇپمۇ ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرنىڭ نەزىرىدىن قارىغىنىمىزدا قايتىدىن ناھايىتى كۈچلۈك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى تۈركىيەدىكى ساياھەت مەركەزلىرى ۋە ئانادولۇغا جەمئىي 8 مىليون 800 مىڭ يولۇچى يۆتكىدۇق. ئورۇندۇقلارنىڭ تولۇش نىسبىتىنى %84 كە يەتكۈزۈپ، 1 مىليارد 150 مىليون ياۋرو كىرىم قىلدۇق. 2018 – يىلى ھەم تۈركىيە ساياھەتچىلىكى ھەم سان ئېكسپرىس شىركىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى (بىر يىل) بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«<ستار> گېزىتى»، «تۈركىيەدە بۇنىڭدىن كېيىن نېفىت ساھەلىرى ھاۋادىن ئېنىقلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئافرىقا قاتارلىق دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھاۋادا تۇرۇپ نېفىت ساھەلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتى تۈركىيەدىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تۈركىيە نېفىتلىرى ھەسسىدارلىق شىركىتى، شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبتىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ھاۋادا ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى. بىر ئەنگلىيە شىركىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشمگە ئاساسەن، 10 كىشىلىك نېفىت مۇتەخەسسىسلىرى ھەيئىتى ۋەزىپە ئۆتىگەن تۈركىيە نېفىتلىرى شىركىتىنىڭ بىر ئايروپىلانى، باتمان ئايرودۇرۇمىدىن قۇياش بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلۈپ رايوننى غېرىچمۇ غېرىچ تەكشۈرمەكتە. يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى بايقىغان ئايروپىلان، نېفىت چىقىش ئېھتىمالى بار جايلارنى بېكىتىش رولىنى ئوينىماقتا.

«<ساباھ> گېزىتى»، «مۇغلا دۇنيا راللى مۇسابىقىسىغا تەييار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: 2018 – يىللىق خەلقئارا راللى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىسى بولغان تۈركىيە راللىسى 13 – سېنتەبىردىن 16 – سېنتەبىرگىچە مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 896 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۇسابىقە لىنىيەسىدە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 317 كىلومېتىر كېلىدىغان 17 ئالاھىدە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدىغان ماھىرلار، مىليونلارچە كىشىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان 16 – سېنتەبىر يەكشەنبە تۈركىيە ۋاقتى 9 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە رولنى قولىغا ئالىدىغان ماھىرلار، ئۈستۈنلۈك باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتۈپ راللىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر