14.08.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

14.08.2018

سىتار گېزىتى «ئەردوغان: تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قورشاۋ ئاستىدا قالدى، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا 10-نۆۋەتلىك ئەلچىلار يىغىنىغا قاتناشقانلارنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلىشىنىڭ پەرۋاسىزلاچە قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئەردوغان يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە قولغا كەلتۈرگەن زور ئۇتۇقلىرى سەۋەبلىك ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ باشقا ساھەلەرگە ئوخشاش ئىقتىسادىي ساھەدىمۇ قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.»

ھابەر تۈرك گېزىتى «كالىن: تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىممۇنىت كۈچى مۇستەھكەمدۇر،دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېرىسىدا تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى. كالىن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنسىتىرلىقى، مەركەز بانكىسى، بانكا ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورگانلىرىمىز دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتىدۇ، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىممۇنىت كۈچى مۇستەھكەمدۇر، يالغان خەۋەرلەرگە قۇلاق سالماسلىقىمىز كېرەك، تۈركىيە بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ.»

ساباھ گېزىتى «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خەلقئارانى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 10-نۆۋەتلىك ئەلچىلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بايان قىلدى: نۆۋەتتە يېرىمى دېگۈدەك ياۋروپا قىتئەسى بولۇپ ئوخشىمىغان قىتئەلەردىن جەمئىي 74 دۆلەتنىڭ تۈركىيەدە مەبلىغى بار.  تېخىمۇ كۆپ شىركەت ۋە شەخسنى دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىمىز. پۈتكۈل دۇنيانى دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىمەن. تەتۈر تەشۋىقاتلار ۋە دۇنيانىڭ نۆۋەتتە قىيىن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇشىنىڭ ئەكسىچە تۈركىيە مەبلەغ سېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق ئادرېسلاردىن بىرىدۇر.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «ئالبايراك: گېرمانىيەنىڭ باياناتىدىن سۆيۈندۇق، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراك : ئامېرىكا تۈركىيەگە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى، بۇنىڭغا قارشى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدىن خۇرسەن بولدۇق، ياخشىلىق ۋە دىپلوماتىيەنى ياقلايدىغان سىياسەتچىلەر، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز تۈرك خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىدۇ، دېدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى<تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولۇشى بىزگىمۇ پايدىلىق، بىز ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز> دېگەن مەزمۇندا بايانات بەرگەنىدى.»

ھۈررىيەت گېزىتى «ئىراقلىق ساياھەتچىلەر تۈركىيەدە ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە تارىخىي ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن ئىراقلىق ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. ئىراقنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىن كەركۈك ۋە ئەربىلگە كېلىپ ساياھەت شىركەتلىرى تەشكىللىگەن ساياھەت سەپەرلىرىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىدا كۆرىنەرلىك ئېشىش كۆرۈلمەكتە. كەركۈكتىكى بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەت مەھدى، بۇ يىل ئىيۇندىن ھازىرغىچە كەركۈكتىن كۈندە ئەڭ ئاز 500 ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەگە ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر