13.08.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

13.08.2018

ھۈررىيەت گېزىتى «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: ئويۇنىڭلارنى كۆرۈپ يەتتۇق، سىلەرگە ئاداققىچە دۇئېل ئىلان قىلىمىز، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ترابزوندا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھەمكارلىق مەجلىسىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.  ئەردوغان مۇنداق دېدى: ترابزوندا شۇنى جاكارلايمەن: ئويۇنىڭلارنى كۆرۈپ يەتتۇق، سىلەرگە ئاداققىچە دۇئېل ئېلان قىلىمىز، سىلەر دوللار بىلەن بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىسىلەر، بىز بولساق باشقا يوللار ئارقىلىق ئىشىمىزنى ھەل قىلىمىز. 81 مىليونلۇق بىر دۆلەت بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىقنى قۇربان قىلىپ تېررورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلەرگە خەيرى-خوش، دەيمىز.»

ۋاتان گېزىتى «موسكۋا ھۆكۈمىتى بەزى تۈرك پۇقرالىرىغا ۋىزا بەلگىلىمىسىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە پۇقرالىرىغا بەزى ۋىزا تۈرلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىقتىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ 10-نۆۋەتلىك ئەلچىلەر قۇرۇلتىيى دائىرىسىدە 13-ۋە 14-ئاۋغۇستتا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، زىيارەتتە تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېڭەش قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ھەجىمىدە كۆرىنەرلىك ئېشىش كۆرۈلدى، بىز بۇنىڭدىن خۇرسەن بولدۇق، زىيارەتتە بۇ قېتىم ئىككى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، موسكۋا ھۆكۈمىتى تۈركىيە پۇقرالىرىغا بەزى ۋىزا تۈرلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.  »

ھابەر تۈرك گېزىتى «سودا كېڭەش بىلەن جانلىنىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان يېڭى دەۋىردە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئاكتىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقلىرىنى، سودا ۋە ئېكسپورتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: بىز كېڭەش كومىتېتى تەشكىللەپ چىقتۇق، سودىنىڭ ئالدىدىكى بارلىق توسالغۇلارنى بىكار قىلىش، خۇسۇسىي كارخانىلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە بارلىق قاتلاملارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە قۇلاق سالىمىز.»

ساباھ گېزىتى «بىلەجىك ۋىلايىتى فىرانسىيەگە 45 يۈك ماشىنىسى قۇلۇلە ئەۋەتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:  «بىلەجىكتە <قارا قۇلۇلە  تامىقى>ئىشلەپچىقارغان بىر شىركەت، فىرانسىيەگە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. شىركەتنىڭ بالىكەسىر باندىرما ناھىيەسىدىكى زاۋۇتىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قۇلۇلىلەر، بىلەجىك سانائەت بازىسىدىكى 4000 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇتتا ئورالغاندىن كېيىن فىرانسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. »

سىتار گېزىتى «ياسەمىن جان ياۋروپا بويىچە ئۈچىنچى بولدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ياۋروپا يېنىك ئاتلىتكا چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ 5000 مېتىرغا يۈگرەش مۇسابىقىسىدە مىللىي تەنھەركەت ماھىرى ياسەمىن جان مىس مېدالغا ئېرىشتى. گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 5000 مېتىرغا يۈگرەش مۇسابىقىسى بولدى. مۇسابىقىدە ياسەمىن جان 14 مىنۇت 57 سېكۇنت 63 دەقىقەلىق نەتىجە بىلەن ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ مىس مېدالغا ئېرىشتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر