09.08.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

09.08.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ پوپ برۇنسون ۋەقەسىنىڭ ئۇلغىيىشى نەتىجىسىدە باشلانغان ھەمدە ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا قويۇلغان ئۆزئارا ئېمبارگولارغىچە يېتىپ بارغان كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە، تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى توققۇز كىشىلىك ھەيئەتنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، بۇ يىل (2018) نىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا پولات-تۆمۈر  ساھەسىدىكى ئېكسپورتنىڭ 2017-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %26.7 ئېشىپ، 8.4 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ پولات مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە 2018-يىلنىڭ دەسلەپكى يەتتە ئېيىدا قىلىنغان پولات مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى 2017-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %62.9 ئېشىپ، 3 مىليارد 604 مىليون 730 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

«ساباھ گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ ئاككۇيۇ ۋە سىنوپتا ياسىلىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن كېيىن، تراكيادا ئۈچىنچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ياسىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، مىنىستىر فاتىھ دۆنمەز: «ئۈچىنچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى خىتاي بىلەن بىرلىكتە ياسايمىز» دېگەن.

«ۋەتەن گېزىتى»، قاتناش مىنىستىرى مەھمەت جاھىت تۇرھان تۈركىيەنىڭ كىشىنى غۇرۇرلاندۇرىدىغان لايىھەلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، خەلق ئىچىدە «مېگا لايىھە» (Mega proje) دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ قەۋەتلىك «بۈيۈك ئىستانبۇل تونېلى لايىھەسى» نىڭ دۇنيادىكى تۇنجى لايىھە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قۇرۇلۇشى داۋام قىلىۋاتقان لايىھەنىڭ كۆتېرەگە بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، كاستامونونىڭ كاسابا يېزىسىدا جاندارئوغلۇ بەگلىرىدىن ئادىل بەگنىڭ ئوغلى ئەمىر مەھمۇت بەگ تەرىپىدىن 1366-يىلى تۆمۈر چىۋىق ۋە مىخ ئىشلىتىلمەستىن ياغاچ تاختايلار بىلەن ياسالغان مەھمۇت بەگ جامەسىنىڭ، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يۇنېسكو دۇنيا مىراسىنىڭ ۋاقىتلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن جامەنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىزىملىككە كىرگۈزۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر باشلانغان.


خەتكۈچ: ۋەتەن , ستار , ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر