08.08.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1028169
08.08.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ۋە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستافا ۋاراڭكنىڭ بوش (Bosch ) شىركىتى بۇرسادا قۇرماقچى بولغان يېڭى ئەۋلاد يۇقىرى بېسىملىق بېنزىنلىق شپىرىس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى سايىسىدا، يىلىغا 185 مىليون دوللار قىممىتىدە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 24-نۆۋەتلىك سارايېۋو فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىدىغان رېژىسسور نۇرى بىلگە جەيلاننىڭ، ئىسىملىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈلۈۋاتقان مېھمانلارنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەرتۈرك گېزىتى»، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا يىنىك ئاتلىتكا چېمپىيونلۇقىدا، تۈركىيەلىك ژاك ئەلى ھارۋېي بىلەن ئەمرە زافەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر ەقىلدى.

خەۋەردە، ژاك ئەلى ھارۋېينىڭ ئۈچىنچى بولغانلىقى، ئەمرە زافەرنىڭ يەتتىنچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر