11.07.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

11.07.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: "ساباھ گېزىتى"، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ئەزەربەيجاندىن باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تەكىتلىگەن رەھبەرلەرنىڭ، باياناتلىرىدا دوستلۇقنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

"ھۆررىيەت گېزىتى"، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: "قىبرىس مىللىي دەۋايىمىز، قىبرىستا ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش غايمىزدۇر. بىز تۈرك تەرەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ مەسىلىدە يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان ھەر خىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلدۇق. تۈركىيە قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ مەسىلىنىڭ ھەل بولماسلىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىشىغا ھەرگىزمۇ كۆزىنى يۇمۇپ قاراپ تۇرمايدۇ، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىدە ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇلۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايدۇ" دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

"ستار گېزىتى"، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق مۇزاكىرەلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىككى قوشنا دۆلەت ئېفىيوپىيە بىلەن ئېرىترېيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئورتاق خىتابنامىنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا 11-12-ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ، تۈركىيە ياسىغان تىك ئۇچارلامۇ قاتناشتۇرۇلغان 20 ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشى بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

"ۋەتەن گېزىتى"، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا يولۇچىلار سانىنى 6.3 مىليونغا يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: ستار , ۋەتەن , ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر