18.06.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

18.06.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ستار> گېزىتى»، «ئەردوغان: دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 18 – ئىيۇن دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەپ تارقاتقان تېلېگراممىسىدا، «دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقىمىز ئۇتۇقلۇق خىزمەتلىرى بىلەن بىزنى ئىپتىخارلاندۇرۇشنى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەنلىكىنى يازدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «مىنىستىر ئۆزلۈ: يەرلىك ئاپتوموبىل <سېتىۋېلىندى> (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىلىم – پەن، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى فارۇق ئۆزلۈنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلنىڭ خېرىدارىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «يەرلىك ماركا ئاپتوموبىل ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەبىرى بويىچە <سېتىۋېلىندى>. ھازىر بازارغا چىقساق، مىليونلۇق بۇيرۇتما ئالىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«<ساباھ> گېزىتى»، «مىڭلارچە كىشىگە خىزمەت پۇرسىتى!» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيەنى مۇداپىئە سانائىتىدە دەۋر ھالقىتىدىغان ئەنقەرە ئالەم بوشلۇقى ۋە ئاۋىياتسىيە كەسپىي سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىدىن 80 شىركەتكە ئورۇن ئاجرىتىلدى، يەنە 40 شىركەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇ قۇرۇلۇش سايىسىدا 15 مىڭ ئادەمگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىلىدۇ.

«<ستار> گېزىتى» نىڭ، «ھېيتتا مەرسىنلىك ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى مۇۋەققەت مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان قىزقەلئەسى رايونىدىكى مېھمانخانا ۋە قونالغۇلارنىڭ روزا ھېيتتا %100 توشقانلىقى قەيت قىلىندى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «كىرودىيەدىكى تۈركىيە پاراخوتى قۇتقۇزۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: كىرودىيە دېڭىزچىلىق، قاتناش ۋە ئۈستقۇرۇلما ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادرىئاتىك دېڭىزىدا سۇ كىرىپ كېتىشكە باشلىغان تۈركىيە بايراقلىق يۈك پاراخوتىدىكى 13 كىشىلىك پاراخوت مۇلازىمەتچىسىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، يۈك پاراخوتىنىڭ قاتنىيالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر