16.05.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

16.05.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: "ساباھ گېزىتى"، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: "ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ قولىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ قېنى بار ۋە جىنايىتىنى تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق يوشۇرالمايدۇ" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە مۇنداق دېگەن:

"نېتانياھۇ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق خەلقنىڭ زېمىنىنى ب د ت نىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلغان ھالدا 60 يىلدىن ئارتۇق ئىشغال قىلغان ئىرقچى دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرىدۇر" دېگەن.

"ھۆررىيەت گېزىتى"، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئەنقەرەدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: "ئامېرىكانىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ قۇددۇسقا يۆتكىگەنلىكىنى تىنچلىققا قارشى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش، دەپ قارايمىز ۋە قوبۇل قىلمايمىز. بۇ قارار بىز ئۈچۈن ھېچنىمىگە ئەرزىمەس قاراردۇر. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىشى، مۇسۇلمان قېنى تۆكۈلگەن كۈن بولۇپ تارىخقا يېزىلدى. مۇۋازىننەتسىز كۈچ ئىشلىتىپ، تېررورلۇق يۈرگۈزگەن ئىسىرائىلىيەنىڭ زوراۋان سىياسىتىنى ئەيىبلەيمىز ۋە لەنەتلەيمىز" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

"ستار گېزىتى"، تۇنىسنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ۋە دېموكراتىك ئىنقىلابلىرى مۇداپىئە ئەرەب كېڭىشىنىڭ باشلىقى مۇنسىف مەرزۇقىنىڭ ئىستانبۇلدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈرك خەلقىنىڭ نامايان قىلغان مەيدانىغا ھەمدە ئۆزلىرىنى قوغدىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىپ: "ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىگە پەقەت بولمىدى دېگەندە بىر پوزىتسىيەگە ئىگە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنى ئۈلگە قىلسا بولىدۇ" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

"ۋەتەن گېزىتى"، رۇسىيە فېدېراتسىيە ساياھەتچىلىك ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيەلىكلەرنىڭ "ئىشچىلار بايرىمى" ۋە "زەپەر بايرىمى" مۇناسىۋىتى بىلەن قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنلىرىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئاگېنتلىقنىڭ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ %52.3 ى ساياھەت قىلىشنى تاللايدىغان بىرىنچى ئورۇندىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

"خەبەر تۈرك گېزىتى"، دۇنيا ساياھىتىگە چىققان مالتانىڭ "ئازامارا جېرنى" ناملىق پاراخوتىنىڭ 850 يولۇچى بىلەن ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشاداسى (قۇش ئارىلى) ناھىيەسىدىكى ئەگە پورتىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ ئەفەس قەدىمكى شەھىرى ۋە مەريەم ئانا چېركاۋىنى زىيارەت قىلغانلىقى، يەنە بىر قىسمىنىڭ شەھەر مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، سودا-سېتىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر