13.03.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

13.03.2018

ۋاتان گېزىتى «گېرمانىيەدە يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتتىن ئىجابىي سىگناللار»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «گېرمانىيەدە يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت تۈركىيە توغرىسىدا ئىجابىي باياناتلارنى بېرىشكە باشلىدى، گېرمانىيەدە خىرىستىيان دېموكراتچىلار بىرلىك پارتىيەسى، خىرىستىيان ئىجتىمائىي بىرلىك پارتىيەسى ۋە ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيەسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇردى. گېرمانىيە باش مىنستىرى ئانگېلا مېركېل تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش يولىدا ئىزدىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى، مېركېل: تۈركىيە بىلەن ئارىمىزدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋالساق بولمايدۇ، شۇڭا ئالاقە يولىمىز ئوچۇق بولۇشى لازىم، چۈنكى بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە ئېھتىياجىمىز بار، تۈركىيە سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن قاچقان مۇساپىرلارغا بۈيۈك خىزمەتلەرنى قىلدى، 3 مىليون مۇساپىرنى كۈتتى، بىزمۇ تۈركىيە بىلەن ئارىمىزدىكى كېلىشىمگە رىئايە قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.»

سىتار گېزىتى «تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە زور بۇرۇلۇش »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دوھا خەلقئارا دېڭىز مۇداپىئە يەرمەنكىسى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى قاتار مەملىكەتلىك مەجلىس زالىدا باشلىدى، يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى، ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاكار، مۇداپىئە سانائىتى باشقارمىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر ئىشتىراك قىلدى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە يەنە تۈركىيە مۇداپىئە ۋە ئاۋىئاتسىيە سانائىتى ئېكسپورتچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە 33 تۈركىيە شىركىتى قاتناشتى. تۈركىيە شىركەتلىرى يەرمەنكىدىن 2413 كۋادرات مېتىرلىق جاي ئىجرىگە ئالدى.»

خابەر تۈرك گېزىتى «خەلقئارادىكى دېڭىز ساياھەت شىركەتلىرى تۈركىيەگە يۈزلەندى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «خەلقئارادىكى دېڭىز ساياھەت شىركەتلىرى تۈركىيەگە يۈزلەندى. ئىستانبۇل ۋە مارمارا، ئەگە، ئاق دېڭىز، قارادېڭىز رايونلىرى دېڭىز سودىسى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىزمىردىكى شۆبىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-مارتتىن 8-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدا سېترېد دېڭىز ساياھىتى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يەرمەنكىگە خەلقئارادىكى دېڭىز ساياھەت شىركەتلىرى قاتناشقان. يەرمەنكىگە قاتناشقان چوڭ شىركەتلەر 2019-يىلدىن باشلاپ ئىزمىر ۋە ئانتالىيەگە يۈزلىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «مىللىي كىرېدىت دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى قۇرۇلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «خەلقئارا كىرېدىت دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى مودى <moody>نىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئادىل مۇئامىلە قىلماي تۆۋەن نومۇر قويۇشى خەلقئارا كىرېدىت دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرى توغرىسىدا ھەر خىل تالاش-تارتىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى ۋە بۇ ئورگانلارنىڭ ئىشەنچىلىكىگە گۇمان پەيدا قىلدى. تۈركىيە بۇ ئەھۋالغا قارىتا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى، تۈركىيە بانكىچىلىق ئىشلىرى ۋە تەپتىش ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ يىل كىرېدىت دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى قۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.»

ساباھ گېزىتى «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى<ئاۋىئاتسىيە> شىركىتى رېكورت ياراتتى »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى<ئاۋىئاتسىيە>  شىركىتىنىڭ بۇ يىل فېۋرالدىكى يولۇچى سانى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %26 ئېشىپ 5 مىليون 100مىڭ يولۇچىغا يەتتى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم فېۋرال ئېيىدا 5 مىليون يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر